پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ مىزان ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتىكى باش پىروگرامما قىلىپ، بىرقاتار «بىرىكمە مۇشت»نى ئېتىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر يۈرۈش ئېنىق تەپەككۇر، كارغا كېلىدىغان ئۇسۇل ۋە دەل جايىدا بولغان تەدبىرلەرنى شەكىللەندۈردى، ھەقىقىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا چىقارغان ھۆكۈمى تامامەن توغرا بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يۈرۈشلۈك تەدبىرلىرى قەتئىي كۈچلۈك، مول ئۈنۈملۈك بولغان.
نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەت پىلانىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ موھتاج، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تېخىمۇ موھتاج. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جەزمەن ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ۋاقىت بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، چىن قەلبىمدىن، ئىدىيەمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.
بىرىنچى، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشىنىڭ تۈپ تەلىپى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن پارتىيە مەركەزگە بويسۇنۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى باش ۋەزىپە». نۆۋەتتە سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتىكى باش ۋەزىپە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش.
پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەتئىي ھالدا «ئىككىنى قوغداش»نى تومۇرۇمغا سىڭدۈرۈپ، روھىمغا سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمدە گەۋدىلەندۈرۈپ، كونكرېت خىزمىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»تەك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممەمگە ئالىمەن. كاللامنى تېخىمۇ سەگەك تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى دائىم بوشاشماي تۇتىدىغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىمەن، قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغدايمەن، ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ئىشىنىپ، ھېسسىيات جەھەتتە چىن قەلبىمدىن قەدىرلەپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرىكەت جەھەتتە باشتىن- ئاخىر ئەگىشىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، يادرونى قوغداپ، يادروغا بويسۇنۇپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولىمەن. پوزىتسىيەمنى تېخىمۇ قەتئىي قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، باشتىن- ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلمايمەن، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسىي مەيداندىن تەۋرەنمەي، سىياسىي يۆنىلىشتىن چەتنىمەي، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن. ھەرىكەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئىككىنى قوغداش»نى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت، مۇھىم، زور سىياسىي ئىنتىزام قىلىمەن، باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىمەن، دادىل مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىمەن، باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، باشتىن- ئاخىر پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەپ، پارتىيە ئىشلىرىنى كۆزلەپ، ئۆزۈمنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.
ئىككىنچى، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى»، «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن- ئىشلەنمىگەنلىكىدە ئەڭ ئاساسلىقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقى، تىنچ- ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ساقلانغان- ساقلانمىغانلىقىغا قاراش كېرەك». شىنجاڭدا بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى دەل باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشان ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەردە باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باشتىن- ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ، مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشتا.
شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» پەۋقۇلئاددە ۋەزىيىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تولۇق تونۇش؛ شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى، ئاساسىي جەڭگاھى ئىكەنلىكىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى تولۇق تونۇش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھەرۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، كۈچلۈك بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق، جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىش، ھەرگىزمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى قولغا كېلىش بىلەنلا قىلچە بوشىشىپ قالماي، ھېچقانداق بىخۇدلۇق قىلماي، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك. دادىل مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، نەتىجە يارىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مىللىي رايونلاردىكى ياخشى كادىر توغرىسىدىكى «چوڭ ھەق- چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشتە مەيدانى ئالاھىدە ئېنىق بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتى ئالاھىدە سەمىمىي بولۇش»تەك سىياسىي ئۆلچەمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەدە دىققەتنى باش نىشانغا يۈكسەك مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دەل، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئىستىلدا ياخشىلاشنى قاتتىق، پۇختا تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەتتە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداپ، باشتىن- ئاخىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كېرەك. خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر «ئىستىلدا پۇختا بولماسلىق بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز» دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەدىكى تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، ھەرىكەتتىكى «بولدى قىلىش»، «ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش» ئەھۋالىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قىلىدىغاننى قىلماسلىق، تولۇق كۈچىمەسلىك خاھىشىنى قەتئىي توسۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم- كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئىنتىزامغا، قائىدىگە نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى ئېلىپ بېرىشنىڭ تۈپ كاپالىتى». پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىش شىنجاڭدا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تىكلەپ، چىڭىتىپ، ئىدىيە، ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلساق، قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلالايمىز.
پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ھالقىلىق ئاز سانلىق»لىق رولۇمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگىلەردىن بولىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى تۆۋەن چەك قىلىپ، ئاپتونوم رايون تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى ئىبرەت قىلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىپ، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىپ، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايمەن. پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى مىزان قىلىپ، شىنجاڭ گەرچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولسىمۇ، ئەمما پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇشى ۋە چەكلىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئىدىيەگە سىڭدۈرۈش، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن ئۆزۈمنى چەكلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن.
شىنجاڭنىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىگەن، بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى قوغداش بىز ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، قەتئىي ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىيدا ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئورتاق مۇجەسسەملىشىمىزگە موھتاج. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىسەكلا، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشساق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى جەزمەن بالدۇر ئىشقا ئاشۇرالايمىز!