导航切换

شىنجاڭدىكى زور شىنجاڭدىكى بەخت

日期:2019年09月28日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭدىكى زور

شى شىن

1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بىپايان زېمىن، 5700 كىلومېتىر چېگرا لىنىيەسى، مول قېزىلما بايلىقلار، رەڭدار مىللىي ئۆرپ - ئادەت... كىشىلەر دائىم: شىنجاڭغا كەلمىسە، ۋەتىنىمىزنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، دېيىشىدۇ.

زور بولۇش شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.

زور ھالقىش ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ ئۇدا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ، چېگرالىنىدىغان قوشنا دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە ئاپتونوم رايون. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭلىقلار «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىش»تىن بۈگۈنكى كۈندىكى تاشيوللار تورلىشىش، ئوق پويىز ئۇچقاندەك يۈرۈش، ئايروپىلان كۆكتە پەرۋاز قىلىشقىچە بولغان تارىخىي چوڭ ھالقىشنى باشتىن كەچۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە، پامىر ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، ئالتاي تېغى باغرىدىن تارىم دەرياسى بويىغىچە، بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدا، بارغانسېرى كۆپ كىشى جاي - جايلاردا بولسىمۇ، بىر - بىرى بىلەن «بىر شەھەر»دە ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇنى ھېس قىلالايدىغان بولدى، يەنە «بەڭۋاشلىق» قىلىپ ماڭىمەن دەپلا ساياھەتكە كېتەلەيدىغان بولدى.

«تورنىڭ ئاخىرقى ئۇچى»دىن «ئېچىۋېتىلگەن كۆۋرۈك بېشى»غا ئۆزگەردى، غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايوندىن تۈگۈن مەركىزىگە ئۆزگەردى، قاتناشتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭ تەرەققىياتىغا داغدام يول ئاچتى.

سانلىق مەلۇمات ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات. شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1952- يىلىدىكى 791 مىليون يۈەندىن 2018- يىلىدىكى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.3 ئاشتى؛ كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1952- يىلىدىكى 166 يۈەندىن 2018 - يىلىدىكى 49 مىڭ يۈەنگە كۆپىيىپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، 37.7 ھەسسە ئاشتى.

زور تەرەققىيات ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ رىقابەت كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

شىنجاڭ زوردۇر، مىليونلىغان يىللاردىن بۇيانقى تەبىئىي جۇغلانما بەرگەن سوۋغىلار بۇ تۇپراققا جەملەنگەن. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا بايقالغان قېزىلما بايلىقلار پۈتۈن مەملىكەتتە بايقالغان قېزىلما بايلىقلار تۈرىنىڭ %81ىنى ئىگىلەيدىكەن، بەش خىل قېزىلما بايلىقنىڭ زاپاس مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈرنىڭ مۆلچەرلەنگەن زاپاس مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەت زاپاس مىقدارىنىڭ %30ى، %34ى ۋە %40ىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش بازىسى، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ يولى قىلىپ بېكىتىلدى.

ئالتۇن تاۋاقنى كۆتۈرۈپ، زور تەرەققىياتنى كۆزلەش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. 2018- يىلى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2017- يىلىدىكىدىن %32.1 ئاشتى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2017- يىلىدىكىدىن %15.1 ئاشتى، رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 280 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

زور ۋەزىيەت يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى

شىنجاڭ زوردۇر، زور بولۇشى تەرەققىيات بوشلۇقىدا، زور بولۇشى كەلگۈسى ئىستىقبالىدا. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىدىكى نۇقتىلىق رايون، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى بولۇپ قالدى.

ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى شىنجاڭنى 1 مىليارد 300 مىليون ئاھالىسى بار ئىككى ئىستېمال بازىرىغا ئىگە قىلدى: بىرى، شەرققە يۈزلەنگەن دۆلەت ئىچى بازىرى، ھەتتا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى بازىرى؛ يەنە بىرى، غەربكە يۈزلەنگەن ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازىرى. غايەت زور بازار «تورتى» ئالدىدا، شىنجاڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا باشلىنىش ياخشى بولغان، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىۋاتقان تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

ئېچىۋېتىلگەن چوڭ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ زور بىر تۈركۈم يەرلىك كارخانىلىرى زەنجىرسىمان يۆتكىلىش، توپلىشىپ تەرەققىي قىلىش، باغچىلاشقان تىجارەت ئارقىلىق «سىرتقا چىقىپ»، دۇنيا سەھنىسىدە جۇڭگو ساداسىنى تارقاتتى، جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلىدى.

شىنجاڭدىكى بەخت

لى چۇنشيا

ئالەم بىپايان بولسىمۇ، ئاۋام - پۇقرالارلا دۆلەتنىڭ ئۇلى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇردى. قاينام - تاشقىنلىق خەلق تۇرمۇشى يۆگىمە رەسىملىرى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئاستا - ئاستا يېيىلدى.

«خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇستەھكەم بولسا، دۆلەت تىنچ بولىدۇ.» خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى؛ خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى.

«ئومۇمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئولتۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلىدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈندىن - كۈنگە ئاشتى.

70 يىلدىكى قاينام - تاشقىنلىق يىللار، 70 يىلدىكى ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلەر، 70 يىلدىكى قۇياش نۇرى ۋە مېھىر - شەپقەت تىيانشاننى ئىللىتتى.

تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى دەل پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتتى، 2012- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - بازارلىرىدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 466 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 745 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق شۇ يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ %88تىن يۇقىرى بولۇشى ساقلاندى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت بۇ «ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى» ئۇيۇل تاشتەك مۇقىم بولدى.

كىرىم سىجىل ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىلەندى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، كىرىم مەنبەسى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتى، 2018- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 21 مىڭ 500 يۈەن بولۇپ، 2017- يىلىدىكىدىن %7.6 ئاشتى، ئاھالىلەرنىڭ ھەميېنى تېخىمۇ تومپايدى.

مائارىپ تېخىمۇ ئادىللاشتى. ئاپتونوم رايونىمىز «خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش»نى نىشان قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. 2018- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق مائارىپ بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %96.86كە يەتتى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.94كە يەتتى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.32كە يەتتى. ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش تەدرىجىي ئىشقا ئېشىپ، ھەربىر بالا ئارزۇسىنى پەرۋاز قىلدۇرىدىغان قاناتقا ئىگە بولدى.

ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ سۈپىتى ئۆسۈپ، دائىرىسى كېڭەيدى. كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى 15 يىل ئۇدا ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈشتە تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى؛ ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار تېخىمۇ كەسپىي، قېلىپلاشقان پەرۋىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ۋە ياردەم پۇل سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

ئامما كېسەل كۆرسىتىشتە تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىندى. يىراقتىن داۋالاش، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا كېسىلىنى كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىشتا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئاممىنى «ئاز قاترايدىغان» قىلدى. 2016- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 53 مىليون 830 مىڭ ئادەم قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا ئېرىشتى.

تۇرالغۇ شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. شىنجاڭنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزىلاردىكى ئامما بىخەتەر، راھەت ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇردى، شەھەر - بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەردىكى ئامما رەتلىك، يورۇق بىنالارغا كۆچۈپ، «كەپە ئۆيدىن بىناغا كۆچۈش» ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى.

«سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارنىڭ بايا ئورۇنلانغان ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ، دېگەن ناخشىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان چاغدىكى ياخشى تىلىكى. بۇ يېقىملىق مېلودىيە، گۈزەل ئاھاڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بەخت قەسىدىسىنى ھاسىل قىلماقتا.