شىنجاڭدىكى مايىللىق
گاۋ فاڭ
مەدەنىيەت سۇغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئۆتمۈشنى تىندۇرۇپ، كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتەك زور ئۈمىد يۈكلەنگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يېڭى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە باشلاپ كىردى.
7- ئاينىڭ 23- كۈنى، دۆلەت مۇزېيىدا شىنجاڭ قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. دۆلەت مۇزېيى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ئورتاق ئۆتكۈزگەن «ئونمىڭ چاقىرىملىق ئورتاق قىزغىنلىق − شىنجاڭنىڭ سەرخىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» ئېچىلدى. كۆرگەزمىگە ئالدىنقى چىن سۇلالىسىدىن سۇڭ، يۈەن سۇلالىسىغىچە بولغان مەزگىلدىكى 191 دانە (يۈرۈش) ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقى توپلانغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى يېڭى نەتىجىلەر نامايان قىلىندى. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇنازىرىسىز ھالدا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.
ئۇزاق يىللىق تارىخ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنى بولغان شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز، سان - ساناقسىز قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسارئەتىقىلەر ھەم شانلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇردى. ئون ئىككى مۇقام، «ماناس»، «جاڭغىر»... يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەت ئەڭگۈشتەرلىرى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداپ قېلىنىپ قايتىدىن جۇلالاندى؛ يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى، قىزىل مىڭئۆي... زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىزنالىرى رېمونت قىلىنىپ قوغدىلىپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يادروسى كىشىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش.
9- ئاينىڭ 20- كۈنى ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ يېڭى سارىيىدا، بەزى ئوقۇرمەنلەر بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم «شياۋتۇ» بىلەن پاراڭلىشىپ، ئاقىل مۇلازىمەتنى ھېس قىلىۋاتاتتى؛ بەزى ئوقۇرمەنلەر ئاپتوماتىك قەھۋە ماشىنىسىدىن ئىسسىق قەھۋە سېتىۋالماقتا ئىدى؛ بەزى ئوقۇرمەنلەر قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تاقاپ، سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېردا مۇزىكا ژۇرنىلى ئوقۇۋاتاتتى.
«مەدەنىيەت ئۇچۇرى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش قۇرۇلۇشى» «ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت سارايلىرى، كۇتۇپخانىلارنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى» «يېزا - بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى قۇرۇلۇشى» قاتارلىق بىر قاتار مەدەنىيەت ئۇل قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى بىر - بىرلەپ جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش ھەممە جايدا يولغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە بېيىتىلدى.
مەدەنىيەت روھنى ئۇرغۇتىدۇ، ئۈمىد پەيدا قىلىدۇ. مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭ ئوزۇقلاندۇرۇلدى، يىلتىز يېتىلدۈرۈلۈپ روھ تاۋلاندى.
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئىجاد قىلىپ سۈرەتكە ئالغان فىلىم «يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى» 15- نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى»دىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «مېھىر - مۇھەببەت» «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» ناملىق فىلىملەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئېرىشكەن يەنە بىر ئالاھىدە شەرەپ.
شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ ئىلھامىدا، زور بىر تۈركۈم دەۋر تومۇرىغا زىچ باغلانغان، ئىدىيەۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، بەدىئىيلىكتە كامالەتكە يەتكەن، تۈجۈپىلەپ ئىجاد قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، كەينى - كەينىدىن مەملىكەت بويىچە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا، پۈتكۈل جەريانىغا يۇغۇرۇپ، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، مىللىي روھنى يارىتىشنى ئۆز بۇرچى قىلدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ كۆلىمى، چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى مىسلىسىز بولدى. مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى شىنجاڭلىقلارنىڭ يېڭى سالاپىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، ھەرقايسى مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئارزۇسىنى يەنىمۇ قوزغىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملىدى.
شىنجاڭدىكى گۈزەللىك
رېن جياڭ
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقى غايەت زور بىر رەڭ تەڭشەش تاختىسىغا ئوخشايدۇ، ئالتاي تېغى، تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ قارلىق چوققىلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، سايرام كۆلى، قاناس كۆلى، بوغدا كۆلىدە زۇمرەت دولقۇنلار مەۋج ئۇرىدۇ، تاغلار ئارىسىدىكى، دەريا - كۆللەر بويىدىكى قاتمۇقات ئورمانلار بوياق بىلەن بويىغاندەك كۆرۈنىدۇ... بۇ دەل بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىل بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا يىغىلىپ، مول ھوسۇل شادلىقىنىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ پايانسىز گۈزەل مەنزىرىسىدىن مەستخۇش بولىدۇ.
ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى ئاسراش، قۇملۇق، يايلاق، قارلىق تاغ، مۇزلۇقلارنى ياخشى قوغداش ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت مەنبەسى، گۈزەل ئارزۇسى. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل يۇرت - ماكاننى قۇرۇپ چىقتى.
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىدىكى مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايون، پۈتۈن جەريان بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يۆنىلىش قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.
لوپ ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە، قاتار - قاتار ئاق تېرەكلەر ئېگىز ھەم يوغان ئۆسكەنىدى، دانە - دانە چىلانلار شاخ - يوپۇرماقلار ئارىسىدا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ سەككىز يىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بۇ يەردە 170 مىڭ مو يېشىل سەددىچىن سېپىلى بەرپا قىلىندى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەر تەكلىماكان قۇملۇقى، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ چېتىدە ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە پەقەت «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمىلا 66 مىليون مودىن ئاشتى، پۈتكۈل شىنجاڭدىكى سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى 62 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى. مۇشۇ ئاساستا، 2019- يىلى، شىنجاڭدا ئاز دېگەندە يەنە 2 مىليون مو يېڭى ئورمان بىنا قىلىنىدۇ.
ئىلگىرى قۇملۇق ئوتتۇرىسىدا غايىب بولغان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى تېتىما كۆلىنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرىكى گۈزەل مەنزىرىسى قايتا نامايان بولدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 3355 دەريا ئېقىنى، 110 كۆلدە بەش دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقى تەسىس قىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقلىرى دەريا، كۆلنى سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتى دائىملىق قانات يايدۇرۇلدى.
كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ پار بېرىش تەبىئىي گازنى يېقىلغۇ قىلىپ پار بېرىشكە، ئاندىن يەنە تەبىئىي گاز بىلەن توكنى تەڭ ئىشلىتىپ پار بېرىشكە ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەردە قىش كۈنلىرىدىكى كۆك ئاسمان قايتا نامايان بولۇپ، ھاۋا سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. شىنجاڭ ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى چەكلەش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىدا سىجىل تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.
ئاسمان كۆكەردى، سۇلار سۈزۈلدى، ئوتلار ياشاردى. ئېكولوگىيەنى ئاسرايدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە «گۈزەللەشتى». گۈزەل، ئىناق يۇرت - ماكان ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى. بۇلتۇر پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، %40.1 كۆپەيدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن. چەكسىز قۇملۇق، كۆز يەتكۈسىز چۆللۈك، ياپيېشىل بوستانلىق، كەڭرى يايلاق، تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغ، قېنىق كۆك كۆللەر تەبىئەتنىڭ تۈرلۈك گۈزەللىكىنى قانغىچە نامايان قىلدى؛ ياخشى تاغ، ياخشى سۇ، ياخشى مەنزىرە، ياخشى ئادەملەر پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ساياھەتچىلەرنى مەپتۇن قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن گۈزەل نامنى تېخىمۇ يىراقلارغا تارقاتتى.
«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قارلىق، مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيە شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى. 2019- يىلى 6- ئايدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق مۇھىت چەكلىمە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئورۇندالغان ھەم دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچىدىن يۇقىرى بولغان.