导航切换

شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشكە يەنە يېڭى يول قوشۇلدى

شەرقىي جۇڭغار − جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى

شۆھرەت زاكىر قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

日期:2019年09月27日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شەرقىي جۇڭغار − جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ قۇرۇلۇش ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمچانلىقى ئەڭ زور، يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار بولۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلەردە تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش بويىچە دۇنياۋى ئەڭلەرنى ياراتتى.

قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمى سىن ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېيجىڭ، شىنجاڭ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلارغا ئۇلاندى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى كوۋ ۋېي بېيجىڭدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانىدا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شۆھرەت زاكىر سۆزىدە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت، گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىش بازىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ يولى ۋە ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى. بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، «توك»تىن ئىبارەت بۇ چوڭ ماقالىنى ياخشى يېزىش دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شەرقىي جۇڭغار − جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئىچكى جەھەتتە «تۆت ئايلانما تور»دىن تەمىنلەش، سىرتقا «تۆت يول»دىن يەتكۈزۈش ئاساسىي تور رامكا ئەندىزىسىنىڭ رەسمىي شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە ئېچىش، پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇشقا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىشقا، تېخىمۇ زور ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا پايدىلىق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭ «كۈچلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئېلېكتىر تورى» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى توك ئىشلىتىش ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن مۇراسىمغا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي جۇڭغار − جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن باشلىنىپ، شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، خېنەن، ئەنخۇي ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئۆتۈپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شۈەنچېڭ شەھىرىدىكى گۇچۈەن توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، يىلىغا 60 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن 80 مىليارد كىلوۋات سائەتكىچە يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.