导航切换

لى پېڭشىن تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

日期:2019年09月27日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسى، ئىدىقۇت رايونى، توقسۇن ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاساس مائارىپ قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساس سېلىش كېرەك.

لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى چوققا تام كەنتى، كىچىك ھوڭ كەنتى، ئىدىقۇت رايونىنىڭ سىڭگىم يېزىسى سىڭگىم كەنتى، مۇرتۇق كەنتى، ئايدىڭكۆل بازىرى چوڭكۆل كەنتى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسى يۇقىرىقى قارا ئاش كەنتىگە باردى، شىنجاڭ تۇرپان مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى، توقسۇن ناھىيەلىك توقۇمىچىلىق كەسىپ باغچە رايونى قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ۋە نامرات ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامرات ئاممىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش، خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى، نامرات ئامما ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نامرات ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت بولۇپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەڭ نامايان قىلالايدۇ. جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشكە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك. كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىپ، «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاققىچە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن داۋاملىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى سىجىل زورايتىپ، كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، قىلىدىغان ئىشى بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە ئىلمىي، تەرتىپلىك يېتەكلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاممىنىڭ «سېتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھويلا - ئارانلارنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان «ئېچىلىڭ داستىخىنىم»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

لى پېڭشىن يەنە پىچان ناھىيەسىدىكى چىخاڭ يەسلىسى، توقسۇن ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى كۈچى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەكتەپنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكى، ئوقۇش - ئوقۇتۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ پۇختىلاپ، ئىناق، مۇقىم بولغان مۇھىت ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.