导航切换

باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس تۈزەش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدىكى باشلامچى ئورۇنلار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

日期:2019年09月27日
来源:新疆日报
【字体:

بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى تۇتۇش، ئەمەلىي لايىھە تۈزۈش، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتىدىن ئىبارەت ئالتە باشلامچى ئورۇن مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدىكى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەركەز بېكىتكەن سەككىز جەھەتتىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن ئىككى جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەخسۇس تۈزەشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بىرتۇتاش پىلانلاش

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش

باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە، ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مۇھىم يوليورۇققا بىر يۈرۈش خىزمەت تەدبىرى بولۇش، بىر باشلامچى تارماققا بىر نەپەر ئاساسلىق مەسئۇل كىشى بولۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، بىرمۇبىر ئۆگىنىش، بىرمۇبىر ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىرمۇبىر نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەرقايسى باشلامچى ئورۇنلار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەخسۇس تۈزەشنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئالغا سىلجىتتى.

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، كەسمە يۈزىنى توغرا تېپىش، نىشانلىق كۈچەش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش، تۈزىتىشنى تۇتۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۈزەش لايىھەسى تۈزۈپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇل تارماقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولدى.

«دىققەتنى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئاساسىي قاتلامغا ھېس قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بەنگۇڭتىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ <ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى> خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىن ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە بولۇش، زىيادە تەكرار بولۇش، كۆپ ئىز قالدۇرۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تەرتىپكە سالدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 4 - باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جۇ ماۋجوۋ. ئاپتونوم رايوننىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى قاتارلىقلارنى تۈزۈش ئارقىلىق، 2019 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئورۇنلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىشلىرى ھەمدە ھۆججەت، يىغىنلارنى ئىخچاملاش نىشانى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

مەخسۇس تۈزەش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس ئادەم ھەيدەكچىلىك قىلىپ بىرتۇتاش پىلانلاشقا مەسئۇل بولۇش بېكىتىلدى؛ «ھەر ھەپتىدە بىر يېتىشىپ مېڭىش، ھەر ھەپتىدە بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ھەر ئايدا بىر تىزىملىك تۇرغۇزۇش»نى يولغا قويۇش... ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى مەخسۇس تۈزەشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ ئىگىلەپ، 59 تۈرلۈك تۈزىتىش تەدبىرىنى رەتلەپ، مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، تۈزىتىش يولى ۋە تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسى كونكرېت بولۇش، مەسئۇل خادىم ئايدىڭ بولۇش، تاماملاش ۋاقتى ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئورگىنى باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جىفېڭ مۇنداق دېدى: «سىياسىي - قانۇن كومىتېتى مەخسۇس تۈزەشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش خىزمەت تىزىملىكى تۈزدى ھەم قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، تۈزىتىش خىزمىتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ ھەل قىلىشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى».

مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش

يۇقىرى - تۆۋەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش

باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق باشلامچى ئورۇنلار «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈستىگە ئالغان مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل پۇختا تۇتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كۆپ قېتىم بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئۈستىگە ئالغان سەككىز تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى تۈزدى ھەم مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى تىزىملىكى تۇرغۇزدى. «پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھى يېتەرلىك بولماسلىق، كۈرەش قىلىش ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەشتىكى نۇقتىلىق مەسىلىنى چۆرىدەپ، 22 تۈرلۈك ئىپادىسىنى تىزىپ چىقتى، 28 تۈرلۈك تۈزەش تەدبىرىنى تۈزدى.

مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنى ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتىم مەخسۇس تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، تۈزەش ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەتقىق قىلىپ، كونكرېت تەدبىر - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ يېتەكلەش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، بىرلىك سەپ بۆلۈملەر باش بولۇپ ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ۋەزىيىتىنى كۈچەپ شەكىللەندۈردى.

تەربىيەلەش بايلىقىنى كۈچەپ بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى، مىللەتلەر سىياسىتىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لەرنىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى پىلانىغا كىرگۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئۈچ قارار ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى تايانچ كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 310 ئادەمنى تەربىيەلىدى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش كۇرسىدىن 126 قارار ئېچىپ، 11 مىڭ 290 ئادەمنى تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون ئۈچ دەرىجىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون ئۈچ دەرىجىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ تۈزىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ ھەل قىلىدىغان تۈزەش ئىش تۈرلىرى، رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ تۈزىتىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئالدى - كەينىنى جىپسىلاشتۇرۇش، يۇقىرى - تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، 1- تۈركۈمدىكى، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ تۈزەيدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش

ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش

ھەرقايسى باشلامچى ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە ئىز قوغلاپ نازارەتچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

مەسىلىنى رەتلەش دەل جايىدا بولدىمۇ - يوق؟ تۈزىتىش تەدبىرى ئەسقاتتىمۇ - يوق؟ دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىش تېز بولدىمۇ - يوق... يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 1- نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىگە قارىتا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈردى.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى باشلامچى بولغان ۋە ماسلاشقان توققۇز جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسىلىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، تۈزىتىش ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملىدى. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى تۈزەش جەھەتتە، مائارىپ، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ئون چوڭ تۈزەش ساھەسىدىكى 40 تۈرلۈك تۈزەش مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇل ئورۇنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما غەم قىلىدىغان، ئەنسىرەيدىغان، ئەندىشە قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئىشلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دائىملىق نازارەتچىلىكنى پۇختا ئىشلەپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چۆچۈتۈش شەكىللەندۈردى. باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 1253نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 157 ئادەمنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى مۇستەھكەم ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۈزىتىش ۋەزىپىسىگە قارىتا، جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ تۈزەتتى؛ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ چىقىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسىلىلەرنى جايىدا تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت ئاممىغا مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت ئەڭ مەركەزلەشكەن، پىكىر ئەڭ مەركەزلەشكەن مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بەزى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ھەپتىنى ۋاقىت بۆلىكى قىلىپ پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇل باشقارما، ئىشخانىلارغا ھەر ھەپتىدە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىش، ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى زىچ چۆرىدەپ، «قۇربان تاغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرغان كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەشكىللىدى، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنىپ سۈرەتكە ئېلىنغان يۈرۈشلۈك مىكرو سىن «ۋەتەننىڭ ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشمەن»نىڭ توردىكى چېكىلىش مىقدارى 100 مىليون قېتىمدىن ئاشتى.

تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

تەشكىلىي رەھبەرلىككە يەنىمۇ كۈچ قوشۇلدى، سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ھەرقايسى باشلامچى ئورۇنلار مۇنداق بىلدۈردى: دەل جايىدا تۈزىتىش، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ تۈزىتىش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.