2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.
■يۇقىرى ئۆلچەمدە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بەش قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ئالغا سىلجىتتى. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە 105 ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ پارتكوم بەنزىسىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى ھەپتىلىك ۋە بىر ھەپتىلىك مەركەزلىك ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساس سالدى. ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن 118 مىڭ پارچە ئۇيغۇرچە، 38 مىڭ پارچە قازاقچە زۆرۈر ئوقۇشلۇققا مۇشتەرى بولۇپ بەردى.
■يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش
2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە نۇقتا كۆپ، دائىرە كەڭ، لىنىيە ئۇزۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلارغا 16 سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالىي مەكتەپلەردىن 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىشقا قاتناشقان كەسىپ تايانچلىرىنى ئاجرىتىپ، 8- ئايدا ئىككى قېتىم مەخسۇس تېما بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆز رايونى، ئۆز ئورنىنىڭ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىگە تەييارلىق كۆرۈشكە قاتنىشىشقا قايتۇردى. شىنجاڭ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە يەنە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا قارىتا ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» «شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابلارنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللىدى، «يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى» ئېلېكتىرلەشكەن تەربىيە فىلىمىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى.
■قاتتىق تەلەپ بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەش
2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «3+3+1» ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىشنى گەۋدىلەندۈردى. «1» يەنى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى تولۇق قويۇپ بېرىش. «3» يەنى: 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە بېكىتىلگەن ئۈچ ئەمەلىي ئىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ھەر يىلى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش؛ نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قېپقالغان ئېغىر نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى پائال كېڭەيتىپ، ھەربىر ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش. «3» يەنى: 2- تۈركۈمدىكى ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، يەنە ئۈچ ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىشنى بېكىتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى يەنىمۇ پۇختا ئىشلەپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك، مۇھىم مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالىي مەكتەپلەر ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەر ئىچىدىن 77 ئەڭ گەۋدىلىك بولغان، باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىلەرنى بېكىتىپ، تۈزىتىش، ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتتى.