چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى
شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى
يېقىندا، ئاپتونوم رايون جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھەم شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش يىغىنى ئاچتى. سۈرەتتە: تەبرىكلەش يىغىن مەيدانى.(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)
يېقىندا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق يىغىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھەم شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
شىنجاڭ خەلق سارىيى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى. رەئىس سەھنىسىدە، دۆلەت گېربى سەھنىنىڭ دەل ئوتتۇرىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى.
سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.
ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شىنجاڭغا كىرگەن قىسمىدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، ئىسلاھات ئاۋانگارتلىرى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋەكىللىك شەخسلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلار، مەملىكەت بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، خەلق رازى بولغان مەمۇرلار ۋە شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ 4 - ماي مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلاردىن ئون ۋەكىل يىغىندا سۆز قىلىپ ۋە يازما سۆز قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيانقى قالتىس مۇساپىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى بايان قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تولۇق ئىپادىلىدى.
چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقان - چارۋىچىلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرىدىن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە بارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلاردىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە پېشقەدەم قەھرىمانلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى؛ بارلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا، خەلقئارادىكى دوستلارغا، چەت ئەل تەشكىلاتلىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى بىر - بىرلەپ يېڭىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان دۇنياۋى مۆجىزىلەرنى بىر - بىرلەپ ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دانا پىلانلاپ، قوماندانلىق قىلىپ، غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، دادىللىق بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. 70 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق تەرەققىيات مۇساپىسى، يەر - جاھاننى لەرزىگە سالغۇدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭلا جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلالايدىغانلىقى، پەقەت سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقى، پەقەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭلا جۇڭگونى راۋاجلاندۇرالايدىغانلىقى، سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرالايدىغانلىقى، ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرالايدىغانلىقى، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭلا جۇڭگونى گۈللىنىش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرى ئاستىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا سەلتەنەتلىك داستاننى پۈتۈپ چىقتى. شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا مەنسۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقى، دانا پىلانلاپ، قوماندانلىق قىلغانلىقىغا مەنسۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكى، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە مەنسۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقارغانلىقى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىغا مەنسۇپ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇشى بولمايتتى؛ پەقەت بىز قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭساقلا، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ھەممىدىن غالىب كېلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايمىز.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سادىق، قەتئىي بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بىرنىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، بىز جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى قوللاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشقانلاردىن يەنە: ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەندىكى ئۆلكە، جۈن دەرىجىلىك دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شىنجاڭغا كىرگەن قىسمىدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرى، بىڭتۇەننىڭ پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرى، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشىدىكى ۋەكىللىك شەخسلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى بار.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ بىر قىسىم پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ ۋەكىللىرى، ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى، ئۈرۈمچىدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ياشلار ۋەكىللىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى ۋەكىللىرى، ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.