شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2019年09月26日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جابدۇق ياساش كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى بازار تەمىنات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

شۆھرەت زاكىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گۇاڭچى گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىگە كەلدى. گۇاڭچى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 2018- يىلى 5- ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، شۇ يىلى ياراتقان مەھسۇلات قىممىتى 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە، پايدا - باج 17 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتكەن. بۇ يىل 3600دىن كۆپرەك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىپ، 300 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەھسۇلات قىممىتى ياراتتى. تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى يۇقىرى دەرىجىلىك رېلىس جابدۇقلىرى ۋە ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىش، لايىھەلەش، ياساش، قۇرۇلۇش قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن چوڭ تىپتىكى كەسىپلەشكەن كارخانا بولۇپ، ئىگىلىگەن يادرولۇق تېخنىكىسى ۋە مول تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، كەينى - كەينىدىن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان ياكى بازار ئىگىلەش نىسبىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر يۈرۈش يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچتى. تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئاساسلىقى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغانلىقى، باھاسىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، ئىقتىدارى ئىمپورت قىلىنغان ئۈسكۈنە بىلەن ئوخشاش پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغانلىقىنى ئۇقۇپ، شۆھرەت زاكىر بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. شىنجاڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى، داۋاملىق تۈردە كەسىپلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارغا تولۇق تايىنىپ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ ئاساسىنى ئالىيلاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

خەيخۇڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت پورتى غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ كۆلەملەشكەن ۋە ئەڭ زامانىۋىلاشقان بىر پونكىت شەكلىدىكى يېمەكلىك سېتىۋېلىش سۇپىسى، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ۋە يېمەكلىكنى كۆرگەزمە قىلىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان بولۇپ، 200 مىڭ تونناژلىق ئامباردا ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. شۆھرەت زاكىر بۇ يەرگە كېلىپ، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «سېتىلىش مىقدارى قانداقراق؟» «ئىشلەپچىقارغان جاي قەيەر؟» «بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى قانچىلىك؟» ... شۆھرەت زاكىر ماڭغاچ سوئال سورىدى، كۆردى، ھەر مىللەت سودىگەرلەر بىلەن بىرلىكتە مال سېتىۋېلىش، توشۇش، مال كىرگۈزۈش يوللىرى، باھا تۇراقسىزلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئەشيا ئوبوروت پورتىدا، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلتۈرۈلگەن تۈرلۈك دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، گۆش تۈرلىرى، پېچىنە - پىرەنىكلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى، تەمىنلەش يېتەرلىك ئىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بۇ يەردە چوڭى چوڭ راكتىن، كىچىكى «توخۇ پەنجىسى»گىچە، يىراقى جەنۇبىي يېرىم شاردىن كەلتۈرۈلگەن خان قىسقۇچپاقىسىدىن، يېقىنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئات گۆشى قېزىسىغىچە، بولۇشقا تېگىشلىكنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن، بايراملىق بازار تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە بوپتۇ.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېمەكلىك تازىلىقى بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېمەكلىك سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، يېمەكلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش، سېتىۋېلىش، توشۇلۇش، سېتىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلىرىدا خاتالىق كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بازار تەمىناتىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپ خىل يوللار بىلەن مال مەنبەسىنى تەشكىللەپ، تاۋار تۈرلىرىنى موللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مال باھاسىنىڭ تەكشى، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى بىخەتەر، ئىناق، خۇشال - خۇرام بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.