导航切换

بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ 7- نۆۋەتلىك 5- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

日期:2019年09月26日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 24- كۈنى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ 7- نۆۋەتلىك 5- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھاتتىن شەكىللەنگەن تۈزۈملەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ليەندۈي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك قىلىش ئىقتىدار ئاساسىنى پۇختىلاپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلدى.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ليەندۈي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي سۈن جىنلۇڭ دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى 7 - نۆۋەتلىك 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى.

ئومۇمىي يىغىن بىڭتۇەن پارتكومى 7 - نۆۋەتلىك 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ليەندۈيى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى تايانچ قىلغان، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان، يۈكسەك تەشكىللەش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىق كۈچىگە ئىگە ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتى. ليەندۈي بىڭتۇەننىڭ ئاساسىي تەشكىلىي بىرلىكى، ليەندۈي ئىشچى - خىزمەتچىلىرى تايانچ خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ليەندۈي بىڭتۇەن چوڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي قوشۇنى، ليەندۈي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم بازا، ليەندۈي بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، ليەندۈي گۈللەنسە، بىڭتۇەن گۈللىنىدۇ، ليەندۈي قۇدرەت تاپسا، بىڭتۇەن قۇدرەت تاپىدۇ. يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە»سىنى ياخشى ئادا قىلىپ، «تۆت چوڭ رول»ىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەزمەن ليەندۈيدىن باشلاپ تۇتۇشى، ليەندۈينى جەزمەن چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىككى يىلدىن كۆپرەك ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە، ئەڭ چوڭ نەتىجە شۇكى بىر تۈركۈم تۈزۈم شەكىللەندى. خەلق ئەسكەرلىرى قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش، كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ليەندۈيى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ليەندۈيى ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ليەندۈيى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن پېڭ جيارۇي، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو قاتناشتى، كۇڭ شىڭلۇڭ «پىكىر(مۇزاكىرە نۇسخىسى)»گە ئىزاھات بەردى.