9- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەم رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە 1- تۈركۈمىنى خۇلاسىلەش ھەم 2- تۈركۈمىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە تۈزىتىشنى تۇتۇشنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى ئۆزىگە قويۇپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، تۈزىتىش تىزىملىكىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا يېتەكلەش، ھەيدەكچىلىك قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، ئالدى - كەينىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەۋقەنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، نازارەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئادا قىلىپ، بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىنتىزام، قانۇننى تەڭ ئىجرا قىلىش، ئۇنىڭغا تەڭ بويسۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى تۇتۇپ، قوش رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى دەل ۋاقتىدا تۈزىتىپ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ، دەل ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈگۈننى يېشىپ گۇماننى تۈگىتىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.