9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى شىداچياۋدا چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە.(مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ فوتوسى)
9- ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 20دە، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان ناخشا ساداسى ياڭرىشى بىلەن، كۆركەم يىپەك ئەتلەس ئۈرۈمچى ئاسمىنىدىن «ئۇچۇپ» ئۆتتى، شىداچياۋ ئەتراپىدىكى ئېگىز بىنالار توپىدىن ھاسىل بولغان غايەت زور كۆرۈنۈشكە تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان ئەڭ سەمىمىي تىلىكى −ۋەتىنىمىز ياشىسۇن! يېزىلغانىدى.
شەرق شامىلى كەچتىكى ئېچىلغان گۈللەر، دەل - دەرەخلەرنى سىيپاپ ئۆتەتتى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى كېچە پەردىسىنى ئاچتى. مۇشۇ دەقىقىدە، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى خۇڭسەننى كۆزنى چاقنىتىدىغان مەرۋايىتقا ئايلاندۇردى؛ شىداچياۋدا، قەدىمكى يىپەك يولى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇق گىرەلىشىپ كەتكەن ھەربىر جانلىق كۆرۈنۈشى ئەتراپتىكى ئېگىز قەۋەتلىك بىنالاردا ئاستا - ئاستا نامايان بولۇپ، «ۋەتىنىمىز ياشىسۇن» دېگەن خەتلەر ھەيۋەت بىلەن تەكرار كۆرۈنۈشكە باشلىدى؛ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى ئەتراپىدىكى 68 ئىمارەت كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەر مىللەت ئامما شوخ ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى... ئۈرۈمچىدە چاقنىغان «ۋەتىنىمىز ياشىسۇن» باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى شانلىق تۈس بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ئاستىدا شىنجاڭدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ پاك، ئوتتەك قىزىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.
شىداچياۋدا ئۆتكۈزۈلگەن «ۋەتەن بىلەن بىر رامكىدا» كۇەيشەن پائالىيىتى 500گە يېقىن ھەر مىللەت ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. كۆپچىلىك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو»نى ئېيتتى ھەم بەس - بەستە يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ كۆرۈنۈشىگە تەڭشەپ، ئېگىز كۆتۈردى، فوتوگراف بۇ ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. كىشىلەر توپى ئارىسىدا «ۋەتىنىمىز ياشىسۇن!» «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو!» دېگەن سادالار ياڭرىدى.
شياۋلۈگۇدا، دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ھەمدە ئادەتتىكى ئامما ۋەكىللىرىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايى ئىللىق «تەبەسسۇم تېمى»نى شەكىللەندۈرگەنىدى.
شىداچياۋدىكى قىزىل دولقۇن ئىچىدە، چۆچەك شەھىرىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسىدىن كەلگەن جاڭ چاڭمىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»نى ئېيتتى. «مېنىڭ ئائىلە ئەزالىرىم ئالتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا، كۈنلىرىمىز قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پەخىرلىنىمەن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، بېيىشى، قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشمەن!»
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) شەھەر يورۇتۇشىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى سۇڭ يەنفېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. ئاساسلىق رايوندىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەمۇ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىككە كېلىپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، يىراقتىن ماسلىشىش، توختىماي ئۆزگىرىش ياساش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.
شۇ كۈنى سائەت 20دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات قانىلىنىڭ «شەرق ئىقلىمىدا» پىروگراممىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ۋەتىنىمىز ياشىسۇن» باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى سەككىز مىنۇت بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى.
بۈگۈن كەچتىكى ئۈرۈمچىدە رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ بەئەينى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا ئوخشىدى. بۈگۈن كەچتىكى ئۈرۈمچىدە ھەممە يەردە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىللىق ئېقىم تارىدى. تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قەلبداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تىلەك تىلىدى: ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن! ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولسۇن!