导航切换

ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

日期:2019年09月25日
来源:新疆日报
【字体:

بەزى مۇھىم، زور تارىخىي پەيتلەر ھامان بىزنى ئەسلەش داۋامىدا كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، خاتىرىلەش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، بىز شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. كەينى - كەينىدىن كەلگەن خۇشال كۈنلەردە، ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشتىكىنى ئەسلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، كۈچىيىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى.

ۋاقىت ئۇلۇغ قەلەم تەۋرەتكۈچى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى جۇڭگو قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، جەمئىيەت تۈزۈمىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ياخشىلىنىش بولدى، جەمئىيەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى... «ئۇلغىيىپ جۇش ئۇرىدۇ مەردانە ئۆزگىرىپ بۇندا جاھان» دەيدىغان دۇنياۋى مۆجىزىلەرنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، پامىر ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، ئالتاي تېغى ئېتىكىدىن تارىم دەرياسى ۋادىسىغىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولۇپ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ، ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، دىنلار ئىناق بولۇپ، چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەملىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

تارىخ سادىق گۇۋاھچى. شىنجاڭنىڭ 70 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردىكى دانا تەدبىرى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئالاھىدە غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقى، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بۇ نېمىدېگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر! كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، نېمىدېگەن سەلتەنەتلىك مۇساپە! تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىدا چىڭ تۇرغاندا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاندىن گۈللىنىپ ئىلگىرىلەيدىغان بۈگۈنى ۋە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى بولىدۇ. شىنجاڭدىكى 70 يىللىق تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىشلەر دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشى، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

«خوراز چىللاپ يورۇپ ئالەم ئاتتى تاڭ، بارچە مىللەت چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە.» 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى جۇڭگو بىلەن تەڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلدى، ھەر مىللەت خەلق ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ئۆچمەس نەتىجىلەرنى ياراتتى، شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەلتەنەتلىك مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چوقۇم قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ!