ئافرىقىدىكى كۆپ دۆلەتنىڭ ھەم ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەرىپلىدى

日期:2019年09月18日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە، بۇرۇندى، ئۇگاندا، لېسوتو، جەنۇبىي ئافرىقا، بۇركىنافاسو، كونگو (بىراززاۋىل)، مۇزامبىك، جىبۇتى، سۇدان، زىمبابۋې قاتارلىق 16 ئافرىقا دۆلىتى ھەم ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى شىنجاڭ ئۈرۈمچى، تۇرپانغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى. ئەلچىلەر مەھەللە، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى، مەسچىت، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەم ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەرىپلىدى، جۇڭگو ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك دەپ قارىدى.

ئەلچىلەر 9- ئاينىڭ 9- كۈنى ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، مېتروغا ئولتۇرۇپ ئايروپورتتىن شەھەر رايونىغا كېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مىللىي كىيىم - كېچەك، چالغۇلىرى ھەم يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ھەم شىنجاڭنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇزىكىلىرىغا جور بولۇپ ئۇسسۇل ئارتىسلىرى، ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە خۇشال ئۇسسۇلغا چۈشتى.

ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى راخمانتالا ئوسمان مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كېلىشىم، بۇ يەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مەدەنىيەت ۋە مىللەتنىڭ كۆپ خىللىقى دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قايىل بولدۇم. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئوخشاشلا كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن، جۇڭگو - ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇرۇندىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارتىن مۇبازۇمۇدىما مۇنداق بىلدۈردى: «بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىپ، پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆردۇق، بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ».

ئەلچىلەر شىنجاڭ نۇقتىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو مىساللىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. ئۇگاندانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كرىسپۇس كىيونگا مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش جەھەتتە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپتۇ، تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق ياشلارنى توغرا يولغا يېتەكلەپتۇ. ئۇگاندانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى تېررورىزمدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.» جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى باۋبوسېن مۇنداق دېدى: «تېررورىزمنىڭ ئاممىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى جىسمانىي جەھەتتىنلا بولۇپ قالماي، پىسىخىكا جەھەتتىن تېخىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە پائال تەدبىر قوللىنىپتۇ، ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بەرمەپتۇ، بۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ».

تىككۈچىلىك، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش سىنىپلىرى ھەمدە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ياتىقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، لېسوتونىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لېسۇن سەتنانى مۇنداق دېدى: «مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇسۇلىغا قوشۇلىمەن، بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىغا مەسئۇل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ يەردىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر ناھايىتى خۇشال ئىكەن، نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپتۇ. مەن دۆلىتىمگە جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرىمەن.» زېمبابۋېنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى رانگارىراي مۇزاپۇ تەربىيەلەنگۈچىدىن مەركەزنىڭ دەرس تەسىس قىلىش، كۈندىلىك تۇرمۇش ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالىنى ئىگىلەپ، ئۇنى تىرىشىپ ماھارەت ئۆگىنىپ، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىشقا، ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا ئىلھاملاندۇردى. كۆپلىگەن ئەلچىلەر مۇنداق بىلدۈردى: «غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە دائىر خەۋەرلىرى يالغان سۆزلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ساختا ياخشىچاق قىياپىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، بىز ھەقىقىي شىنجاڭنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ چۈشىنىشىمىز كېرەك».

ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت داۋامىدا، ئەلچىلەر جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، ئەلچىلەر شۆيۈەن مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازدىن مەكتەپنىڭ دەرس تەسىس قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىگىلىدى. سومالىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەلى مۇھەممەد ھۈسەيىن مۇنداق بىلدۈردى: «سومالىمۇ تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، تېررورچىلار دىننى دەستەك قىلىۋېلىپ نۇرغۇن ياشنى تۇيۇق يولغا باشلىدى، دىن شۆيۈەنىنىڭ مۇسۇلمان ياشلارنى ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش سورۇنى ۋە پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بۇ، سومالىنى ياخشى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى».

جىبۇتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى خادار روبلار تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى قازىخان مەسچىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بۇ نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىت جىبۇتىدىكى مەسچىتكە ئوخشاشلا ياخشى قوغدىلىپتۇ، مەسچىت باشقۇرۇلۇش ۋە ئېتىقادچىلار ناماز ئوقۇش جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تەرتىپلىك ئىكەن».

ئەلچىلەر تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، كارىزنى قوغداش بىلەن ساياھەتچىلىكنى ئېچىش، يار بازىرىدىكىلەرنى كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار، ئەلئارا سەنئەتچىلەرنىڭ «نازىركوم» ئويۇنى ھەم مىللىي چالغۇلاردا مۇزىكا ئورۇنلىغانلىقىنى كۆردى.

كونگو (بىراززاۋىل)نىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى ئالبېرت ئايلانكا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپتۇ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى دەل شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىدۇر. بىز بۇ يەردە ئىلگىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ كۆپ يۈزبەرگەنلىكىنى بىلىمىز، لېكىن ھازىر تىنچ، خاتىرجەم ئىكەن، بۇنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تەرەققىيات جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بۇ تىرىشچانلىقلار قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ قولغا كەلتۈرۈلگەن، بۇ، بىزنىڭ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يېرىمىز».