11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

شىنجاڭلىق ئەزىمەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، مۇسابىقىدە كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى نامايان قىلدى

日期:2019年09月17日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 16- كۈنى، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىدە يېپىلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە مېھمانلار خۇشال - خۇرام، ئىناق كەيپىيات ئىچىدە بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئورتاق تەبرىكلىدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئالتىنى، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 18نى، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئوننى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا، يەنە پۈتۈن مەملىكەتكە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇدىرى (ئىدارە باشلىقى) مەخمۇت ئوسمان مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەرقايسى تۈرلەردىكى تەنھەرىكەتچىلىرى، تىرېنېرلىرى، كوماندا يېتەكچىلىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىش - ئېلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش - ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى».

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۈرئەت قاسىم مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، شىنجاڭلىق ئەزىمەتلەر باتۇرلۇق بىلەن ياخشى نەتىجە ئېلىشقا ئىنتىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ياخشى مۇسابىقە نەتىجىسى، مۇسابىقە ئىستىلىنى ۋە شىنجاڭلىقلارنىڭ جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ روھىنى نامايان قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىدىن جەمئىي 629نى قېزىپ رەتلەپ چىقتى، مەسىلەن، كەڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن دارۋازلىق، سارغايدى (بوشلۇقتا پىرقىراش)، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش (ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش) قاتارلىقلار، بۇنىڭدىن كېيىن يېزا - كەنت، مەھەللە، مەكتەپلەردە زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق چېنىقىش ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ».

بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا قىسمدىكى ئۆلكىدە ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئازادلىق ئارمىيە ھەمدە تەيۋەندىن كەلگەن جەمئىي 34 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 7009 تەنھەرىكەتچى، 17 مۇسابىقە تۈرى ۋە 194 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە بىرلىكتە مۇسابىقىلەشتى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، مىللەتلەر چوڭ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

شۇ كۈنىدىكى يېپىلىش مۇراسىمىدا يەنە مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2023- يىلى خەينەن ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.