ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2019年09月14日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى سانجى شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى ئالماشتۇرۇپ، خىزمەت نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە قارىتا قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قايتا سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىدە بەلگىلەنگەن نىشان - ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا جەزمەن تاماملىنىدىغان قاتتىق ۋەزىپە. جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قاتلاممۇقاتلام كۆرسەتكۈچنى ئۆستۈرىۋەتمەي، ھويلا ئىچى - سىرتىدىكى «ئالتە ئىش» ۋە كەنتنى تازىلاش ھەرىكىتىدىكى «ئۈچنى تازىلاش، بىرنى ئۆزگەرتىش»نى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، كەنت قىياپىتىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەخلەتلەرنى مەركەزلىك يىغىپ يۆتكەپ بىر تەرەپ قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، قوغداش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، «ئۈلگىلىك كەنت»نىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش كېرەك. كەنتلەرنى كۆكەرتىش ۋە ئېتىز - ئورمانلارنى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، بوران ئاپىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. ئالدىن پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر ئەندىزە بويىچە ئىش قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يەرلىك پۇراقنى ساقلاپ، يېزا - قىشلاق مەنزىرىسى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلغان تۈزەش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشى يۈرۈشۈشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، بىر تاياقتا ھەيدىمەي، دېھقانلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئاشۇرۇۋەتمەي، يېزىلارنىڭ ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلسە سۇ ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلمىسە سۇ ئىشلەتمەسلىكتە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاددىي، ئەمەلىي قوللىنىشچان، تەننەرخى مۇۋاپىق، تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن، ئامما خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش ئەندىزىسىنى تاللاش كېرەك. ھازىرقى باسقۇچتىكى «10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» بويىچە ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ھاجەتخانا «بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاساسلىقى قۇرغاق ھاجەتخانىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «سۇ سىڭىشتىن ساقلىنىش، سېسىق پۇراقتىن ساقلىنىش، چىۋىندىن ساقلىنىش، ئەتراپى توسۇلغان بولۇش، چىراغ ئورنىتىلغان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆلچەمنى خالىغانچە يۇقىرىلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ھاجەتخانىسىنى ئۆزى سېلىش، ئاسراش، باشقۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزەش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملاش كېرەك.