导航切换

ئاپتونوم رايونىمىز ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى

日期:2019年09月09日
来源:新疆日报
【字体:

«باغچە رايونىدا سىياسەت توپلانغاندىن سىرت، يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرىمۇ كارخانىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنى بالا باققۇچى شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.» 9- ئاينىڭ 6- كۈنى، شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچە رايونى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پىلانلاش - تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دېڭ تىڭخەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچە رايونى قۇرۇلغىنىغا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، باغچە رايونىدا رويخەتكە ئالدۇرغان يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر كەسپى كارخانىسى 270كە يەتتى، ماكانلاشقان كارخانا 170كە يەتتى، مەھسۇلات قىممىتى ھەر يىلى %20لىك سۈرئەت بىلەن ئاشتى.

شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچە رايونىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇچۇر كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق رايونلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، مۇناسىپ ئېتىبار سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپى بويىچە خېرىدار چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلدى.

«شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. باغچە رايونىدا ماكانلاشقاندىن كېيىن، بىزنىڭ توختام سوممىمىز 2017- يىلىدىكى 90 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 2018- يىلىدىكى 130 مىليون يۈەنگە يەتتى. ھازىر، بىزنىڭ كەسپىمىزنىڭ ئېشىش ئەندىزىسىدىمۇ سۈپەت ئۆزگىرىشى يۈزبېرىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپتىن نەرسە تورىنى يادرو قىلغان يېڭىدىن گۈللەنگەن پەن - تېخنىكىغا بۇرۇلۇۋاتىدۇ» دېدى شىنجاڭ خۇاشىڭ شىندا ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۆ كەيئەن.

خۇاشىڭ شىنداغا ئوخشاش شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچە رايونىغا ماكانلاشقان %90 كارخانىنىڭ ھەممىسى يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. «بۇ كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىلار، يەنە كېدا شۈنفېي، خۇاۋېي قاتارلىق مەملىكەتكە داڭلىق ئون نەچچە كارخانا بۇ يەردە ماكانلاشتى، ھەر يىلى يەنە يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇۋاتقان كارخانىمۇ 30دىن ئارتۇق بولۇۋاتىدۇ.» دېڭ تىڭخەي مۇنداق دېدى: 2018- يىلى باغچە رايونىدىكى كارخانىلار ياراتقان تىجارەت كىرىمى 1 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2017- يىلىدىكىدىن %23 ئاشتى.

قاراماي شەھىرى 2010- يىلىلا ئۇچۇر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇش جەھەتتە بىر يۈرۈش ئەۋزەللىككە ئىگە بولغانلىقتىن، قاراماي ئۇچۇر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دىققەتنى بۇلۇت ھېسابلاش كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىنى قۇردى. باغچە رايونىدا خۇاۋېي بۇلۇت مۇلازىمىتى سانلىق مەلۇمات مەركىزى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى (شىنجاڭ) سانلىق مەلۇمات مەركىزى، جۇڭگو نېفىت سانلىق مەلۇمات مەركىزى (قاراماي)، شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى تۈرى پۈتتى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، لايىھەدىكى كۆلىمى 20 مىڭ ئاپپارات ئىشكاپى بولۇپ، پۈتكەن كۆلىمى 9000 ئاپپارات ئىشكاپىغا يېتىپ، غەربىي شىمال بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپى، ئۇچۇر ئالاقىسى كەسپىنىڭ كىرىمى ئايرىم - ئايرىم 30 مىليارد يۈەن، 16 مىليارد يۈەن، 22 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئۇچۇر كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەسىپلەر يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدا «ئۈچ بازا، ئۈچ يول، بەش چوڭ مەركەز، ئون چوڭ ئىمپورت - ئېكسپورت كەسىپلىرى توپلانما رايونى» قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتتى.