导航切换

شۆھرەت زاكىر ئىلى ئوبلاستىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك

日期:2019年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىناپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى 2016- يىلى 12- ئايدا چاپچال ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېلىنما تەرەققىيات شىركىتىنى قۇرۇپ، 300 مىڭ مو قاقاسلىقنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزىدى ۋە ئۇنى ئېكولوگىيەلىك ئاچتى، شۇ جايدىكى 330 ئائىلىلىك نامرات ئاھالە كۆچەت باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ھەربىر كىشىنىڭ ئايلىق مائاشى 3000 يۈەن بولدى. بۇ شىركەتنىڭ ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئورمان بىنا قىلىش بازىسىدا، شۆھرەت زاكىر خادىملارنى تەربىيەلەش، نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسى، نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزىسى توپچىن كەنتىنىڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش مەھەللىسىدە، شۆھرەت زاكىر كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئائىلىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئائىلىلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى ۋە قان ئىشلەش فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتى 2017- يىلى نىلقا ناھىيەسىدىكى چۈەنيىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭ يۈشۈيچىڭ يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، بۇ ناھىيەنىڭ قاراسۇ يېزىسىدىكى 609 ئائىلىدىكى نامرات ئاھالىنى پاي قوشۇشقا جەلپ قىلدى، ھازىر پاي قوشقان ھەربىر نامرات ئاھالىگە 6000 يۈەن پايدا ئايرىپ بېرىلدى. شۆھرەت زاكىر بېلىق پىششىقلاش ئاقما لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانا تەرەققىياتى ۋە نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈم ئېففېكتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانىلار ئەتراپتىكى كەسىپ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كارخانىلار بىلەن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقان ئائىلىلىرى كەسىپلىرىنىڭ پايدىدىن ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورتاق قۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى تەرەققىيات داۋامىدا پايدىغا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئارام ئېلىۋېلىش، تىنىۋېلىش ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىغان نامرات ناھىيە، نامرات كەنتلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىستىلنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشى، غەلىبە قىلىشى كېرەك.