导航切换

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قومۇلدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

日期:2019年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ خۇڭچيۇ باشچىلىقىدىكى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر قومۇل شەھىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13- شىسىغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى، نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈردى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار - ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىڭتۇەن 13- شىسى خۇڭشىڭ دوختۇرخانىسى، قومۇل شەھىرى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، خېنەن - قومۇل تەجرىبە مەكتىپى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يۈ خۇڭچيۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاپ يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار بىلەن ئورتاق تەتقىق قىلىپ، «14- بەش يىل»لىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەش كېرەك. كادىرلار - ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئەۋەتىپ، دىققەتنى قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 13- شىسىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتىغا دەل جايىدا كۈچ قوشۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ يولى قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپى، ساياھەت كەسپى، ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېشىش نۇقتىسى يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

خېنەن ئۆلكىسى قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 13- شىسىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىممىتى 6 مىليون يۈەنلىك ۋە 4 مىليون يۈەنلىك ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.