导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2019年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

8- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

يىغىندا، ياڭ شىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ياخشىلاش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بەنزە ئەزالىرى بىرمۇبىر ئۆزىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

ياڭ شىن خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشكە قارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت - پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىدىيەۋى تەپەككۇرنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەك، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇشنى ساقلاپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى 1 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى ھەم باھا بەردى.