«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى رەھبەرلىك بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى رەھبەرلىك بەنزىسى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بەنزە ئەزالىرى بىر - بىرلەپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.
سارقىت ئاقان مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ سىياسىي ئورگانلىق ئاساسىي خۇسۇسىيىتىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ھۆججەت تەييارلاش، يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈش، ئىش بېجىرىشنىڭ ھەربىر ھالقىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسلىھەتچى بولۇش، مۇلازىمەت قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتتە گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نامايان قىلىش كېرەك. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاپشۇرغان تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك.