导航切换

«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەم كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

日期:2019年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، غەربىي جەنۇب سىياسىي - قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يۇرتى، شىنجاڭ داشۆ سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەم كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. فىرانسىيە، ھىندىستان، تۈركىيە، ئافغانىستان، جۇڭگو قاتارلىق 18 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 60 نەچچە مۇتەخەسسىس، ئالىم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ھەم كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى سېلىشتۇرما تەتقىقات ھەم خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جياڭ جيەنگو ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا يامرىشى كۈچىيىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىگە ئېغىر، زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى. تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018 - يىلى پۈتۈن يەر شارىدا 1127 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسى (ۋەقەسى) يۈزبېرىپ، 13 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، زىيانغا ئۇچرىغان مال - مۈلۈك مۆلچەرلىگۈسىز. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتكە ئوخشاش جۇڭگو تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىدى. تېررورىزم، ئەسەبىزمدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى ئورتاق خەۋپنى يوقىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خەلقنى تىنچ، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتىدا ياشايدىغان قىلىش دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت جەزمەن يۈزلىنىدىغان ۋە ھەل قىلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلە.

جياڭ جيەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئىنسانىيەت ھەققانىيلىقىنىڭ رەزىللىك بىلەن، مەدەنىيلىكىنىڭ ياۋۇزلۇق بىلەن كۈچ سىنىشىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، قىممەت قارىشى، تەپەككۇر شەكلى ۋە سىياسىي تۈزۈمنىڭ توسۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى «قوش ئۆلچەم»گە قارشى تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېررورىزم، ئەسەبىزمگە قارشى تۇرىدىغان ئورتاق تونۇش ۋە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ۋە باشقا خەلقئارا قانۇنلارنىڭ پىرىنسىپى، مىزانىغا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك؛ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، رايون، مىللەت، دىن قاتارلىقلارنى باھانە قىلىدىغان ھەرقانداق كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئۇسۇلنى مەنئى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سەۋەبلىك پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئىتتىپاقلىق - ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى يادرو قىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەم كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى سىستېمىسىنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆزىدە مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: 1990 - يىلىدىن 2016 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) يۈزبېرىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئامما زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق جەمئىيەت تەرتىپى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. شىنجاڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ يوقاتتى. شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ياكى جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەرنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىپ، ئۇلارنى تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى، تىرىشىپ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يۈزبېرىشتىن بۇرۇن يوقىتىپ، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە رايون بىخەتەرلىكىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ئۇسۇل جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىنىڭ روھىغا تامامەن ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مەسلىھەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئابدۇلئەزىز ئاساد سۆزىدە مۇنداق دېدى: تېررورىزم ھازىرقى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ بىرى، بولۇپمۇ نۇرغۇن دېلولار ئىچىدە، پۇقرالار تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇچرىدى، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارغا دۇچ كەلدى. پۈتۈن يەر شارىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ تىنچ مۇھىتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، ئوخشاش بولمىغان ئېتىقاد، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئارىسىدىكى سۆزلىشىشكە ئىلھام بېرىشى، قانۇن بويىچە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى مەنئى قىلىشى كېرەك.

سېربىيە ھازىرقى زامان تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، سېربىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پرېدراگ ماركوۋىچ مۇنداق دېدى: بەزى غەرب دۆلەتلىرى جاھانگىرلىك ياكى يېڭى مۇستەملىكىچىلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دائىم كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى قورال قىلىدۇ. ھەر قېتىم كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى ئۇلارنىڭ بەزى مەنپەئىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاندا، ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلىك ھوقۇققا دائىم دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان بىر تەرەپكە ئايلىنىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش كۈرىشىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەر باراۋەر سەپداشلارغا ئوخشاش بىر - بىرىنى قوللىشى كېرەك.

يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار مۇنداق قارىدى: تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتى يەر شارىۋى مەسىلىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە ئالاقىدار جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئۈزلۈكسىز تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تېررورچىلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇردى ھەم تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغان مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللاندى، ھەرقانداق كىشى كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، جەزمەن دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ۋە بىر قاتار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى قاتارلىقلار ئاساسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەم كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى جەھەتتىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى باشقا دۆلەتلەرگە مەجبۇرىي تاڭماسلىقى كېرەك.

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىدە نەق مەيداندا شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو مىساللىرى كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى، قەشقەر كونا شەھىرى ھەمدە ھېيتگاھ مەسچىتى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەكشۈرۈپ، شۇ جايلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

ئافغانىستان ھەج ۋە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مىنىستىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى، ئافغانىستان ئىسلام ئىنقىلابىي ھەرىكىتى پارتىيەسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلۋاشىد ۋاشىد مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە سالغان غايەت زور مەبلىغى، قوللانغان تۈرلۈك تەدبىرلىرى ھەمدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمى تەرىپلەشكە تېگىشلىك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پائال تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى».

فىرانسىيە ستراسبۇرگ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، سابىق مەكتەپ مۇدىرى كىرىستىئان مېست مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغاندا، مەن شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بوپتۇ، بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا ۋە دىنىي ئەسەبىزمگە زەربە بېرىشىنى بىر ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك».