导航切换

قۇربان نىياز، يوۋ لياڭيىڭ شەرەپ بىلەن 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى

شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەندىن 13 كىشى7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

日期:2019年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 5- كۈنى، 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەندىن ئىككى كىشى شەرەپ بىلەن 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز، بىڭتۇەن 1- شى 13- تۇەن 11- ليەننىڭ «ئىككى كومىتېت» ئەزاسى يوۋ لياڭيىڭ.

ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئاق كۆڭۈللۈككە ئىنتىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇش، يېڭى دەۋر سوتسىيالىستىك ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بۇ يىل 3- ئايدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۇسى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش، ئەلالىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپى بويىچە، قاتتىق، قېلىپلاشقان باھالاش تەرتىپى ئارقىلىق، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى جاڭ فۇچىڭ قاتارلىق 58 يولداشقا 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىش، جاڭ جياشىن قاتارلىق 257 يولداشقا 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلدى.

مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش نەمۇنىچىلىرى، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش نەمۇنىچىلىرى، سەمىمىي بولۇش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش نەمۇنىچىلىرى، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاش نەمۇنىچىلىرى، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈش نەمۇنىچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەملىكەتلىك باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان يوۋ لياڭيىڭ ئون نەچچە يىل ئايرىلماي، ۋاز كەچمەي ئۇيغۇر قېرىندىشى مەمەتتۇرۇپ مۇساققا كېۋەز تېرىش، چىلان ئۆستۈرۈشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئۇنى ۋە كەنتتىكى يۇرتداشلارنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلەپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى پۈتتى؛ مەملىكەتلىك سەمىمىي بولۇش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان قۇربان نىياز ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، بالىلارنىڭ قەلبىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچتى .

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن: سانجى شەھىرى سۇ يۈچىن پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى سۇ يۈچىن، يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىشەھەر بازىرى يېڭى شەھەر رايونى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى پەن يۈليەن، ئارشاڭ ناھىيەسى كۆك توخا نەسىللىك چارۋا مەيدانىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى جاڭ گۇاڭچىن، ئاقسۇ شەھىرىدىكى يەككە سودا - سانائەتچى چېن مىڭفا، چۆچەك شەھەرلىك سابىق يېمەكلىك شىركىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى سالىقجان ئىمىن، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى چارۋىچى چېگرا قوغدىغۇچى لاچىن بايئەكە، تېكەس ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ چارۋىچىلىق رايونى شىپاخانىسىنىڭ دوختۇرى جۇماتاي ئېبېك، جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە شۆبە شىركىتىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر ۋاڭ جېنيۈن، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى لىيۈەن كوچا باشقارمىسى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى شيې رۇڭخۇا، بىڭتۇەن 1- شى 6- تۇەن 5- ليەننىڭ خىزمەتچىسى چىن شيەنخۇي، شىنجاڭ دېيۈەنشەن سۇدىن، چىرىشتىن ساقلىنىش، ئىسسىقلىق ساقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چىن مېيلەن، بىڭتۇەن 3- شى قاغىلىق 2- چارۋىچىلىق مەيدانى 3- ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چيەندۇڭ، بىڭتۇەن 3- شى شوكۆل سۇ باشقۇرۇش باشقارمىسى يۇڭئەن توسمىسى سۇ باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ تېخنىكى سۈن رېنفۇ بولۇپ، جەمئىي 13 كىشى بار.

7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن يەنە تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر شى شىمىڭ ۋە ئىچكىرى رايوندىكى شىنجاڭلىق يەككە سودا - سانائەتچى ئابدۇللا ئۇراھىم بار. شى شىمىڭ ھايات ۋاقتىدا كېرىيە ناھىيەلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، تيەنجىن شەھىرى جىڭخەي رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى تېخنىكا باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان؛ ئابدۇللا ئۇراھىم جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى ئابلاجان يېمەك - ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مەسئۇلى.

بېيجىڭغا 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان قۇربان نىياز بۇ قىممەتلىك شەرەپ زور ئىلھام ۋە تۈرتكە بولغانلىقىنى، ئۇ شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ بالىغا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئەۋج ئالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.