导航切换

ياخشى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرىمىز

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرگەندە مۇنداق بىلدۈردى −

日期:2019年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. باش شۇجىنىڭ سۆزى ئەمدىلا تەقدىرلەنگەن شىنجاڭدىكى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكىدەكلا ياخشى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئەخلاق تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش خەلققە ئۆزىنى بېغىشلاش

قويۇق ئىللىق ئېقىم قەلبكە تارىدى، ئېغىر مەسئۇلىيەت قەلبلەرگە چىڭ پۈكۈلدى.

7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىغا ئېرىشكەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: «بۇ قىممەتلىك شەرەپ ماڭا نىسبەتەن زور ئىلھام ۋە تۈرتكە بولدى، مەن چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئالىيجاناب ئەخلاقنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، مەدەنىي كەيپىياتنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ياراتقۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەيمەن».

7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى سالىقجان ئىمىن چۆچەك شەھەرلىك سابىق يېمەكلىك شىركىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئىشچىسى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ سۆزى ماڭا ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، مېنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى، بۇنىڭدىن كېيىن، مەن دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرىمەن، مەيلى بوران چىقىپ يامغۇر ياغسۇن، ھەممە يەر قار - مۇز بىلەن قاپلانسۇن، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چوقۇم كىچىك ھويلامدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرىمەن، مەن يەنە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش خىزمىتىنى ئوغلۇمغا تاپشۇرۇپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك بۇرچنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمەن».

توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن 1 - شى 13 - تۇەن 11 - ليەننىڭ «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزاسى يوۋ لياڭيىڭ ئىنىسى مەمەتتۇرۇپ مۇساق ھەم باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىز پەرۋىشى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىپ، يۇرتداشلارنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدى. بۇ قېتىم، ئۇ 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىغا ئېرىشىپ، زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ ھازىر 1200 مو يېرىدە چىلان، ياڭاق ۋە ئالما بار بولۇپ، 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى. كەلگۈسىدە، بىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەم مەھسۇلات مىقدارىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم مەھسۇلات سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق تىرىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرىمىز.» يوۋ لياڭيىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئەخلاق نەمۇنىچىسى بىر خىل شان - شەرەپ، شۇنداقلا بىر خىل مەسئۇلىيەت، مەن ھەر ۋاقىت باش شۇجىنىڭ سۆزىنى قەلبىمدە ساقلاپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

«مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، چىن قەلبىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم». بىڭتۇەن 3 - شى قاغىلىق 2 - چارۋىچىلىق مەيدانى 3 - ليەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چيەندۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەمۇنىچىلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن ليەندۈيدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ بېيىتىشقا يېتەكلەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن.

پائال ئىلگىرىلەش ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىش

9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شەرەپ بىلەن 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سۇ يۈچىن يۇرتى سانجى شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى پونكىتىغا باشچىلاپ چۆكۈپ، كېيىنكى بىر مەيدان پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى پىلانلاشنى باشلىۋەتتى.

«بۇ شان - شەرەپ يالغۇز ماڭا بولغان ئىلھام ۋە رىغبەت بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ياخشى ئىش، ھەققانىي ھەرىكەتلەرنى تەقدىرلىگەنلىك، جەمئىيەتتىكى يېڭى ئىستىل، دۇرۇس كەيپىياتنى پائال تەشەببۇس قىلغانلىق.» سۇ يۈچىن مۇنداق دېدى: «مەن شان - شەرەپنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان مەدەنىي كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئەخلاقنىڭ كۈچىنى، غەمخورلۇقنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمەن».

«باش شۇجىنىڭ سۆزى كىشىلەر قەلبىنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇردى!» 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسى كۆكتوخا نەسىللىك چارۋا مەيدانىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئىشچىسى جاڭ گۇاڭچىن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن قولۇمدىكى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئىزچىل ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالدۇرۇپ، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى ھەربىر بۇلۇڭ - پۇشقاققىچە تارقىتىپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ يۈكسىلىشى، ياخشىلىققا ئىنتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن».