导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى «ئەڭ گۈزەل ئىشچى - خىزمەتچى»لەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

日期:2019年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جەمئىيەتكە 2019 - يىللىق شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل ئىشچى - خىزمەتچى»لەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئۇلار نېفىتلىك، داۋالاش، باج ئىشلىرى، بىناكارلىق، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن 12 ئىلغار ۋەكىل.

«ئەڭ گۈزەل ئىشچى - خىزمەتچى»لەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، دەسلەپكى تەكشۈرۈش، توردا بېلەت تاشلاش قاتارلىق ھالقىلاردىن ئۆتكەن، 2019 - يىللىق مەملىكەتلىك «1 - ماي» ئەمگەكچىلەر مېدالىغا، شىنجاڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر ئارىسىدىن سايلىنىپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ رېلېلىق قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان خۇاڭ شىنمىن، قاقاس تاغنى كۆكەرتىش ئىشلىرىغا ئاتلانغىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان خۇا يۈن، ھەر مىللەت ئاممىسىغا چىن كۆڭلىدىن مۇلازىمەت قىلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان لياۋنىڭلىق كادىر سۈي ياۋيۈن قاتارلىقلار بار. ئۇلار ھەم ئۆز كەسپىدىكى، ئۆز ساھەسىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار، شۇنداقلا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەنلەر.

كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى «ئەڭ گۈزەل ئىشچى - خىزمەتچى»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك قىلىش روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك قىلىش شەرەپلىك، دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان خىزمەت ئىستىلىنى يارىتىدۇ.