9- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسى ۋە مارالبېشى ناھىيەسىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى نىشان، ئۆلچەمگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.
2012- يىلىدىن بۇيان، مەكىت ناھىيەسى مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىپ يولغا قويۇپ، ھازىر توغراق، جىگدە، سۆكسۆك، پىندىق ياڭىقى قاتارلىق ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي ئورمىنىدىن جەمئىي 330 مىڭ مو بەرپا قىلدى. مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى بازىسىدا، شۆھرەت زاكىر ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەنە ئورمان تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مارالبېشى ناھىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق شەھەرچىسىدە، شۆھرەت زاكىر كىيىم تىكىش شىركىتىنىڭ تىكىش، پىچىش سېخى ۋە تۇرمۇش رايونىدىكى ماگىزىن، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، ھەرقايسى جايلار شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى يارىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.
شۆھرەت زاكىر يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى يوقلىدى، ھال سورىدى. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى ئۈستۈنكى قاشئېرىق كەنتىدە، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىدە شۆھرەت زاكىر نامرات ئاھالە سالام رازاق، تۇرغۇن ياقۇپنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق تەدرىجىي نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇپ، تېخنىكا - ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.
شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق ۋەزىپىنى قەتئىي ياخشى تاماملاش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.