8- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى كومىتېتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش» «تۆتنى تېپىش» توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتى بىلەن ھاسىلاتنى ئېدىتلاپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنى بەنزىسىنىڭ ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆز قىلدى.
يىغىندا، بۆلۈم بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يەتتى.
تيەن ۋېن مۇنداق تەلەپ قىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمەتلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى 1 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى ھەم باھا بەردى.