导航切换

ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتا باتۇرلۇق بىلەن نەتىجە يارىتىش

− شىنجاڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

日期:2019年09月05日
来源:新疆日报
【字体:

«ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش» − «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدىكى كونكرېت نىشانلارنىڭ بىرى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىغا ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتا جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ياراتتى.

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش داۋامىدا ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەيدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان سىياسىي ئېكولوگىيە بولۇشى كېرەك. 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان تارماقلار، ئورۇنلار پائال تۈردە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئۆلچەم باش ئورنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى باھالاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغانلارغا پۇرسەت ھازىرلاپ بەردى، ئىش قىلالايدىغانلارغا سەھنە ھازىرلاپ بەردى، ئىش قىلمايدىغانلارنى جازالىدى - ئىبرەت قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جەريانىدىكى سەۋەنلىكى، خاتالىقىنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىپ، سىغدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى دادىل سىغدۇرۇپ، سىغدۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى قەتئىي سىغدۇرماي، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىدى.

ھەرقايسى ئورۇنلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەشكىلات - كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لى خۇەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشتىكى كونكرېت، تەپسىلىي قائىدىنى تۈزۈپ، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىش كەيپىياتى يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى كۆڭلىنى تېخىمۇ توختىتىپ، تېخىمۇ خاتىرجەم ھالدا ئۆز خىزمەت ئورنىدا يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان قىلدۇق».

بۇرچنى زىممىگە ئېلىش داۋامىدا تەرەققىياتنى كۆزلەش

خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي تېپىپ، يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومى باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. «ئاپتونوم رايوندىكى شۇ دەرىجىلىك نازارەت قىلىدىغان، باشقۇرىدىغان كارخانىلاردىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى، ساپ مۈلۈك، تىجارەت كىرىمىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنىڭ ھەممىسى ئىككى خانىلىقتىن يۇقىرى ئېشىشنى ساقلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان ئاكتىپ ئامىللار سىجىل كۆپىيىپ، دۆلەت كارخانىلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچىيىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلىدى».

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسىگە ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش، ئۈنۈمىنى باھالاش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، 46 ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر)نىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇرىنى كېڭەيتىپ يىغىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تەدبىر ئارقىلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بۇلغىما مەنبەسىنى دائىم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىختىيارىي تاللاپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش» ئارىلاپ تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى شىنجاڭنىڭ مۇھىت رېۋىزىيە كۆچمە قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى.

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈلۈش

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغاندىلا، ھەرىكەت بولىدۇ؛ ھەرىكەت بولغاندىلا، نەتىجە - ئۈنۈم بولىدۇ. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى بولغان - بولمىغانلىقى، كادىرلار ئىستىلىدا ئۆزگىرىش بولغان - بولمىغانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈمىدە قانچىلىك مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىغا قاراش كېرەك.

باش تېما تەربىيەسى قوزغىتىلغاندىن بۇيان، 1- تۈركۈمدىكى ئورۇنلار پائال، تەشەببۇسكار نەتىجە يارىتىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش تىزىملىكىگە بىرتۇتاش كىرگۈزۈپ، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مەسىلە ھەل بولمىغۇچە بوشاشماسلىق، ئۈزۈل - كېسىل ھەل بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما ئېتىراپ قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، غەلىبە قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇردى. نامراتلارنى يۆلەشنى گىرەلەشمە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، مەبلەغنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ «مەبلەغنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ بېكىتىش» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلدى؛ نامرات ئەمەس 43 ناھىيەنىڭ يىغىن ئېچىشقا تەييارلىق قىلىشىغا قارىتا، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تۈزىتىش تىزىملىكىنى بېجىرىشكە تاپشۇردى؛ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىلنى مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، «ساختا شەكىلدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھېسابات شەكلىدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «كۆرسەتكۈچ شەكلىدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردىن قاتتىق ساقلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى نۇقتىلىق توپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. يېزا - بازار (كوچا)لاردا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش زاپاس پۇل تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر ئارىسىدىكى ئائىلىسىگە تايىنىپ بېقىلىۋاتقان ھەم ئۆز ئالدىغا نوپۇس تۇرغۇزغىلى بولمايدىغان ئېغىر مېيىپ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى قاتارلىقلارنى يېزا تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى ھەمدە بىر يىللىق ئازايتىش، چېكىندۈرۈش مۇددىتى بەردى؛ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى قىسمەن قالغان، كەسىپكە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى يېزا تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

باش تېما تەربىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قوزغىلىپلا ھەرىكەت قىلالايدىغان ھەرىكەتچىلەردىن بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدىغان كۈرەشچىلەردىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە سەمىمىي بولۇشنى شەرھلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.