导航切换

«پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەجرىبىخانىدىن چىقىرىپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش»

− شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات مېدىتسىناسى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى بايىنساغان گەلىك

日期:2019年09月05日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات مېدىتسىناسى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى بايىنساغان گەلىك باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چىڭ ساقلىدى، ئۇزاق مۇددەت مال دوختۇرلۇق ئىلمى ساھەسىدە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ يەڭدى، بولۇپمۇ سالجا قاتارلىق پارازىت قۇرتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا پائال تۆھپە قوشتى.

پارازىت قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەتقىقاتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش

«مەن چارۋىچىلىق رايونىدىن كەلدىم، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەجرىبىخانىدىن چىقىرىپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلدۇرىمەن». 8- ئاينىڭ 6- كۈنى، مۇخبىر بايىنساغان بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ ئەمدىلا بىر تۈرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەكشۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى. شۇ كۈنى سائەت 6دىن كەچ سائەت 20گىچە ئۇ توپتوغرا 14 سائەت ئىشلىگەنىدى.

بايىنساغان خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بالغۇنتاي بازىرىدىكى بىر چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپلا يايلاق ۋە كالا - قويلارنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرەتتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئۇ تاللاپ تولدۇرغان ئارزۇلارنىڭ ھەممىسى يېزا ئىگىلىك مەكتەپلىرى بولدى. 1986- يىلى، بايىنساغان ئىچكى موڭغۇل يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مال دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى بەش چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى، يايلاق كۆلىمى چوڭ، ئوتخور ئۆي ھايۋانلىرى كۆپ، سالجا رايون سىستېمىسى كەڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، تەبىئىي يايلىتىلىپ بېقىلىدىغان ئات، كالا، قويلار ئاسانلا سالجا تۈرىدىكىلەرنىڭ ھۇجۇمى، قان شورىشىغا ئۇچرايدۇ ۋە سالجا كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1999- يىلىدىن باشلاپ، بايىنساغان «ئوتخور ھايۋانلاردىكى پارازىت قۇرت كېسىلى» «ھاشارات ۋاسىتىسى كېسىلى» قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكا تەتقىقاتىغا كىرىشىشكە باشلىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ، دەرسخانا، تەجرىبىخانا، باقمىچىلىق بازىسى ئۇنىڭ خىزمىتىدىكى «ئۈچ نۇقتا، بىر لىنىيە»گە ئايلاندى.

ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا كۆڭۈل بۆلۈش

بايىنساغان باشتىن - ئاخىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا كۆڭۈل بۆلدى.

ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان 33 يىلدىن بۇيان، بايىنساغان ھەر يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇردى. 2016- يىلى، تۇرپان شەھىرىدىكى بىر باقمىچىنىڭ نەچچە ئون كالىسى ئارقا - ئارقىدىن ئۆلۈپ قالدى، باقمىچى شۇ جايدا ئەۋرىشكە ئېلىۋاتقان بايىنساغان بىلەن توختىماي ئالاقىلەشتى. بايىنساغان كالىنىڭ تېنىدىن سالجا ئېلىپ، قان ئەۋرىشكىسىنى خىمىيەلىك تەكشۈرۈش، يېرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق كېسەللىك سەۋەبىنى كالا ھالقىسىمان تايلور قۇرت كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ دىياگنوز قويدى. بايىنساغان يەنە باقمىچىنىڭ كالا قوتىنىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىنى، تام يوچۇقلىرىدا چىشى سالجىلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى. بايىنساغاننىڭ تەكلىپى بىلەن، باقمىچى دەرھال كۆچۈپ، 200دىن ئارتۇق كالىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشتىن باشقا، بايىنساغان يەنە ئاسپىرانتلار، دوكتورلار ئۆمىكىنى باشلاپ جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا بېرىپ، چارۋىلاردىكى كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇردى. «بىر قېتىملىق لېكسىيەدە، بىر چارۋىچى سالجا مودېلى ياساش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.» شۇنىڭدىن كېيىن، بايىنساغان چارۋىچىلىق رايونىغا بارغاندا، بىر قىسىم سالجا كۆرسەتمە رەسىمى، كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەرتىپى ئاسما رەسىمىنى ئېلىپ، قەيەرگە بارسا شۇ يەرگە ئېسىپ، شۇ يەردە تەشۋىق قىلدى.

كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق بايىنساغان مال دوختۇرلۇق كەسپى ئىلىم تايانچىسى، پەن باشلامچىسى بولۇپ يېتىلدى. ئۇ رىياسەتچىلىك قىلىپ يولغا قويغان دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈرلۈك تەتقىقات تېمىسى جەمئىي 30 تۈردىن ئاشتى؛ ئۇ قۇرغان كېسەل قوزغاتقۇچى گېرمپلازما بايلىقى ئامبىرى قوتاز، ئات ئۇرۇقدىشىدىكى ھايۋانلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماددىي بۇيۇم ئەۋرىشكە بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، پارازىت قۇرت ئەۋرىشكە ئۆيىنى غەربىي شىمال رايونىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پارازىت قۇرت گېرمپلازما بايلىقى كۆرگەزمىخانىسىغا ئايلاندۇردى؛ ئۇ ئون نەچچە خىل دىياگنوز سىناق دورىسىنى تەتقىق قىلىپ كېڭەيتىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىشتا ساقلانغان ئىلىم - پەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ۋە چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرى ساپالىق چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش

ئايال ئالىم، مال دوختۇرلۇق مۇتەخەسسىسى... ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە، بايىنساغان ئوقۇتۇشتا ناھايىتى ئەستايىدىل، مۇلايىم ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان «ئانا پىروفېسسور». 2009- يىلى بايىنساغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ مەخسۇس تۈر كوللېكتىپى قۇرۇپ، سالجا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بەل باغلىدى.

بايىنساغان دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا «جەۋھەر»گە ئەھمىيەت بەردى، تەجرىبە ئوقۇتۇش ھالقىسىدا «قول سېلىپ ئىشلەش»نى تەكىتلىدى، ئۇ يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويغان «3 + 1» ماگىستىر ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈش لايىھەسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئالتە خىل تىل بىلىش ئەۋزەللىكى ۋە پەن ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە پائال قاتناشتى. نۆۋەتتە، ئۇ 100دىن ئارتۇق ماگىستىر ئاسپىرانت، دوكتور يېتىشتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ساھەسىدىكى تايانچلارغا ئايلاندى.

«مەن بىر ئاددىي دېھقان - چارۋىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، پارتىيەنىڭ يېتىلدۈرۈشى، تەربىيەسى بولغاچقىلا، تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىشلىيەلىدىم، چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرالىدىم.» بايىنساغان مۇنداق دېدى: بۇ كەسىپنىڭ تېخىمۇ ئالدىنقى سېپىدىكى پەن - تېخنىكىنى ئىگىلەپ، ياشلار كوللېكتىپىنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەجرىبىخانىدىن چىقىرىپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.