مەملىكەتلىك ئورمان، ئوتلاق، مايسا خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېچىلدى

日期:2019年08月24日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىليۇ دوڭلەيخەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 23- كۈنى، مەملىكەتلىك ئورمان، ئوتلاق، مايسا خىزمىتى يىغىنى سانجى شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مايسا ئىشلىتىشنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشنى بازىلاشتۇرۇش، كۆچەت بىلەن تەمىنلەشنى بازارلاشتۇرۇش، مايسا باشقۇرۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئومۇمىي نىشان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمان، ئوتلاق، مايسا ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ جيەنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

جاڭ جيەنلۇڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئورمان، ئوتلاق، مايسا خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن ئۆلكە دەرىجىلىك سورتلۇق ئۇرۇق تولۇقلىما تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېڭىدىن ئورمان بىنا قىلىشتا سورتلۇق ئۇرۇق ئىشلىتىش نىسبىتىنى %88.6كە يەتكۈزدى؛ قۇتۇبى دۆلەت دەرىجىلىك مايسا سودا بازىرىنى بەرپا قىلىپ، مايسا، گۈل - گىياھ كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە دەل - دەرەخ ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى ئەسلىھەلىك ساقلاش ئامبىرى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەسلىھەلىك ئامبار قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقانلىقى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىۋاتقانلىقىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئورمان، ئوتلاق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى ھەم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ ئورمان، ئوتلاق، مايسا ئىشلىرىغا جەزمەن يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.