7- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتونوم رايون قۇتۇبى ناھىيەسىدە ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلى يەكۈنلىنىپ، ئالماشتۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش جەريانىدىكى مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلار رەتلىنىپ، ھەل قىلىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى قايتا سەپەرۋەر قىلىندى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار جەزمەن مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەتلىرىنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈشى، جەزمەن بىرىنچى قول رەھبەر ئۆزى تۇتۇشى، جەزمەن ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشى، جەزمەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى توپلاپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇر نەتىجە يارىتىش، بالدۇر نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)نىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى؛ گۇچۇڭ، باي قاتارلىق يەتتە ناھىيە، شەھەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.