يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەتئىي، كەسكىن ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي، كەسكىن ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىگەن ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاپالىق ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ سەلتەنەتلىك سەھىپىنى پۈتۈپ چىقتى.
ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرماقتا، ئالىيجاناب ئىشلار ئۈلگىلەرنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىچوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتا جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جاقسىكەلدى سىيابېك قاتارلىق 199 يولداشقا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىشنى، خې چۈەنيۈەن قاتارلىق 60 يولداشقا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دەپ نام بېرىشنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى ئارشاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى قاتارلىق 120 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دەپ نام بېرىشنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يولداش ۋاڭ خۇڭشىڭغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى سەپلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئالىيجاناب پەزىلەتنى ساقلاش، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئىلغار تىپلار. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى روشەن، ئېنىق جاكارلاپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەسئۇلىيىتى، يېڭى نەتىجىسى، يېڭى ئوبرازىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇنۇلارنى چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرى تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، كۈرەش روھىنى كۈچەيتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتەك كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئېتىقادتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىداردا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ياخشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، يېتەكلىگۈچىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ ۋە ماھىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات - تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆلچەم بايرىقى قىلىپ، سىياسىي ئىرادىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ھازىر، شىنجاڭ يەنىلا مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش + 3 + 3 + 1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىنىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى مۇقىملاشتۇرۇپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك!