导航切换

2018- يىللىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىستاتىستىكا ئاخباراتى

日期:2019年07月02日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى

2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليون 612 مىڭ 400 نەپەر بولۇپ، 2017- يىلىدىكىدىن 51 مىڭ 900 نەپەر ساپ كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى %3.33 بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھازىر بار بولغان پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى 91 مىڭ 620 (ئاساسىي قاتلام پارتكومى 4563، پارتىيە باش ياچېيكىسى 7946، پارتىيە ياچېيكىسى 79 مىڭ 111) بولۇپ، 2017- يىلىدىكىدىن 5406سى كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى %6.27 بولدى.

بىرىنچى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جىنسى، مىللىتى ۋە ئوقۇش تارىخى. ئايال پارتىيە ئەزاسى 523 مىڭ 300 نەپەر بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %32.45ىنى ئىگىلىدى. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 622 مىڭ 500 نەپەر بولۇپ، %38.61نى ئىگىلىدى. ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 887 مىڭ 300 نەپەر بولۇپ، %55.03نى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېشى. 30 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 192 مىڭ 500 نەپەر، 31 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 182 مىڭ نەپەر، 36 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 173 مىڭ 400 نەپەر، 41 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 199 مىڭ 600 نەپەر، 46 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 218 مىڭ 200 نەپەر، 51 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 190 مىڭ 300 نەپەر، 56 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 123 مىڭ 300 نەپەر، 61 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 333 مىڭ 100 نەپەر.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كەسپى. ئىشچى (ئىشچى تېخنىك خادىم) 129 مىڭ 800 نەپەر، دېھقان - چارۋىچى، بېلىقچى 355 مىڭ 300 نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى كەسپىي تېخنىك خادىم 298 مىڭ 800 نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى باشقۇرغۇچى خادىم 151 مىڭ 500 نەپەر، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىم 225 مىڭ نەپەر، ئوقۇغۇچى 18 مىڭ 100 نەپەر، باشقا كەسپىي خادىم 86 مىڭ 500 نەپەر، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار 347 مىڭ 400 نەپەر.

ئىككىنچى، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى

2018- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 76 مىڭ 862 نەپەر پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بولۇپ، 2017- يىلىدىكىدىن 1655 نەپەر كۆپەيدى. تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جىنسى، مىللىتى، يېشى ۋە ئوقۇش تارىخى. تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئايال پارتىيە ئەزاسى 32 مىڭ 521 نەپەر بولۇپ، %42.31نى ئىگىلىدى. تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 43 مىڭ 997 نەپەر بولۇپ، %57.24نى ئىگىلىدى. تەرەققىي قىلدۇرۇلغان 35 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 55 مىڭ 692 نەپەر بولۇپ، %72.46نى ئىگىلىدى. تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 29 مىڭ 590 نەپەر بولۇپ، %38.50نى ئىگىلىدى.

تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كەسپى ۋە تارقىلىشى. ئىشچى (ئىشچى تېخنىك خادىم) 3629 نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى كەسپىي تېخنىك خادىم 11 مىڭ 356 نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى باشقۇرغۇچى خادىم 4575 نەپەر، دېھقان - چارۋىچى، بېلىقچى 38 مىڭ 452 نەپەر، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىم 6183 نەپەر، ئوقۇغۇچى 9061 نەپەر، باشقا كەسپىي خادىم 3591 نەپەر، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار 15 نەپەر. ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزاسى 64 مىڭ 572 نەپەر.

ئۈچىنچى، پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى

2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 672 مىڭ 700 نەپەر، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى 280 مىڭ 200 نەپەر.

تۆتىنچى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك كومىتېتلىرىدىن جەمئىي 115ى بار. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 213 شەھەر كوچا باشقارمىسى، 878 يېزا - بازار، 2903 مەھەللە (ئاھالە كومىتېتى)، 9178 ئىشتاتلىق كەنتتە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 8917 ئورگان ئورۇن، 16 مىڭ 612 كەسپىي ئورۇن، 3149 ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانا، 25 مىڭ 611 ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانا، 3969 ئىجتىمائىي تەشكىلات قانۇنىي ئىگە ئورنىدا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلدى.