6- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نى ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى پارتىيەمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنىڭ جەۋھىرى، نەزەرىيەۋى خىسلىتى ۋە ھەقىقەت كۈچىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز.
لى پېڭشىن سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش» «شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش» «يېزا ئاساسىي ئىگىلىك تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» «دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتقۇزۇش» «يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» «يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللىنىشكە يېتەكلەش» «تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» «يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش» «دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش» «يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش» «پارتىيەنىڭ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش» قاتارلىق تەرەپلەر توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش؛ يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاش؛ ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈزۈم تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تۈرلۈك قاتتىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش كېرەك.
لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دىققەتنى تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەنى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ دىققەتنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەم «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى قاتتىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈش كېرەك؛ ھەقىقىي سېلىشتۇرۇش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، ھەقىقىي قايتا ئويلىنىش تەلىپى بويىچە، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈش كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قىلىۋاتقان ئىشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈش كېرەك.
لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شەكىل - ئۇسۇلنى ياخشىلاپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.