6- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2019- يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىنى پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، مەمۇرىيەت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى جى جېڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تايانچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن باش تېما تەربىيەسىدە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. تىرىشىپ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى، ئاڭلىق ھالدا بۇ ئۇلۇغ ئىدىيەنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەسلىي مەقسەتكە ئىنتىلىشنى مەڭگۈ ساقلىشى، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشى كېرەك. تىرىشىپ تەمكىنلىك، ئىستىل، ئەخلاق جەھەتتە نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كۇرسانتلار خىزمەت ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن، ھەقىقىي تۈردە تەربىيەلىنىش نەتىجىسىنى ياخشى ئايلاندۇرۇپ، ياخشى قوللىنىپ، ئەمەلىيەتتە ياخشى كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھەرىكىتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.