导航切换

شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى

«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2019年06月28日
来源:新疆日报
【字体:

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا ۋە ئامما رازى بولغۇدەك ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەملىكەتلىك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى قەتئىي ئېنىقلاپ بىكار قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، «تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، توردا ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆستۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى مۇھىم خىزمەت مەزمۇنى قىلىپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ۋەزىپەنامە، ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار فۇنكسىيەسى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.