导航切换

«پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان» نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش كېرەك

日期:2019年06月07日
来源:新疆日报网
【字体:

مۇخبىرىمىز جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىنىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بەنگۇڭتىڭدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، پۇختا، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، كونكرېت نىشانى ۋە ئۇسۇل، قەدەم - باسقۇچلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى 1- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، بەنگۇڭتىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ «پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان» نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش كېرەك.