导航切换

سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش  ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك

日期:2019年06月07日
来源:新疆日报网
【字体:

مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ گوفېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە ئىچىدە نازارەت قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە مەخسۇس مەسئۇل ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قوغداشتا، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ئۆگىنىش - تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا نامايان قىلىشى؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ، تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى؛ پىكىر - تەكلىپلەرنى تولۇق ئاڭلاپ، مەسىلىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، تۈر بويىچە بىرمۇبىر تۈزىتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.