导航切换

باش تېما تەربىيەسىنىڭ مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2019年06月07日
来源:新疆日报网
【字体:

مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئورگاننىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە ھەرىكەتكە كېلىپ، قاتتىق بولۇپ، ئەمەلىي بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك؛ پەرقلەرنى تېپىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سېلىشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا سېلىشتۇرۇپ، نىشانلىق تۈزىتىش كېرەك؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ بو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.