6- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما كۆپ خىل شەكىلدە روزا ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى.
6- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدىكى مەيداندا، كىشىلەر ساماغا چۈشۈپ ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى، قىزغىن كەيپىيات سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى مەمەت جۈمە مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىمقى ھېيت - بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، كىشىلەر بۇ يەردە ئۇسسۇل ئويناپ، ھېيت - بايرامنى خۇشال تەبرىكلەيدۇ».
6- ئاينىڭ 5- كۈنى سەھەر سائەت 6لەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونىدىكى ليۇداۋان مەسچىتى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئارقا - ئارقىدىن بۇ مەسچىتكە كېلىشكە باشلىدى. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كىشىلەر مەسچىت ھويلىسىغا يىغىلىپ ناغرا - سۇناي چېلىپ، شادىمان ساماغا ۋە مەشرەپكە چۈشتى... ئۇلار ئۆزئارا مۇبارەكلەشتى، ناغرا رىتىمى ۋە ئۇسسۇل قەدىمى بىلەن بايرامنى تەبرىكلىدى.
شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىنچۇەن يولىدىكى جەنۇبىي مەسچىتنىڭ يېنىدىكى كىچىك مەيداندا، ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ھال سورىشىپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. جۇشقۇن مۇزىكا ياڭرىغاندا، كىشىلەر رىتىمغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، كىچىك مەيدان ئۇسسۇلچىلارغا لىق تولدى.
بايرام كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر كوچا باشقارمىسى خۇڭگۇاڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ خۇڭگۇاڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ھال سوراش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما، ھەرىكىتى قولايسىز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن پېشقەدەم ھەربىيلەر، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارنى يوقلاپ، ھال سوراپ، ئۇلارغا بايراملىق بەخت تىلەپ ۋە ھال سوراش بۇيۇملىرىنى بېرىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى.
ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەركىن قادىر بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا روزا ھېيتلىق تەييارلىقنى باشلىدى، تازىلىق قىلغاندىن باشقا، ئۇ يەنە مېۋە - چېۋە، پېچىنە - پىرەنىك قاتارلىق تۈرلۈك نازۇنېمەتلەرنى سېتىۋېلىپ، ھېيت كۈنى ھېيتلاپ كېلىدىغان تۇغقانلىرى، دوست - بۇرادەرلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايمىز. بايرام مەزگىلىدە تۇغقانلار، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن ئۆزئارا كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىپ، كۆپرەك جەم بولساق، بايرام تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ.
شۇ كۈنى، كۆپلىگەن ئامما بايراملىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ تۇغقانلىرى، دوست - بۇرادەرلىرىنى يوقلىدى، ساياھەتكە چىقتى.
«ئېرتىش دەرياسى بويىدىكى بىرىنچى كەنت» دېگەن گۈزەل نامى بار كۆكتوقاي بازىرىنىڭ تاراتى كەنتىدە، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى سەھەردىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بۇ يىلقى ساياھەت پەسلى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بالدۇرراق كەلدى، بۈگۈن روزا ھېيت، نۇرغۇن ساياھەتچى كۆكتوقايغا ساياھەتكە كەلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشى تاماق ۋە ياتاقنى كەنتىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. مېنىڭ پۇقراۋى قونالغۇم تۈنۈگۈنلا ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى، ھازىر تەييارلاۋاتقىنىم دەل ئۇلارنىڭ چۈشلۈك تامىقى.» قارا يورغا سارىيىنىڭ ئەر خوجايىنى ئاكپار بىمۇلا مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلاندى، ھەربىر كۈننى شادلىققا تولغان بايرامدەك ھېس قىلىمىز. ھەر كۈنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىمىز، كۈنلىرىمىزنى شۇنداق مەنىلىك ۋە بەختلىك ھېس قىلىمىز.