导航切换

ماھىرلىق بىلەن ئىشلەپ ياخشى نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇش كېرەك

日期:2019年06月06日
来源:新疆日报网
【字体:

6- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورگىنى ھەم قارىمىقىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا باش تېما تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمىي تەلەپنى توغرا ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى نىشان - ۋەزىپىگە مۇجەسسەملەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ماھىرلىق بىلەن ئىشلەپ ياخشى نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى كۈچەيتىش تەربىيە - ئەمەلىيەت خىزمىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك تاراتقۇلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىجابىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.