导航切换

گولمۇد – كورلا تۆمۈريولى ئالتۇنتاغ تونېلىنىڭ 1-، 2-نومۇرلۇق يانتۇ قۇدۇقى ‏تۇتاشتۇرۇلدى‎ ‎

日期:2019年06月06日
来源:天山网
【字体:

  5- ئاينىڭ 27- كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريولى تونېل ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى گولمۇد – كورلا تۆمۈريولى تۈرى 2- تارماق بۆلۈمىدىكى قىسمەن قۇرۇلۇش خادىملىرى 1- نومۇرلۇق يانتۇ قۇدۇق بىلەن 2- نومۇرلۇق يانتۇ قۇدۇقنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىمەكتە.

مۇخبىرىمىز چېن جيەنفېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ يەنكۇي، كۇڭ لىڭلۇ خەۋىرى، فوتوسى: 5- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 10:18 مىنۇت ئۆتكەندە، زەمبىرەك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو تۆمۈريولى تونېل ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى گولمۇد – كورلا تۆمۈريولى تۈرى 2- تارماق بۆلۈمىدىكى بارلىق قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، گولمۇد – كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭ بۆلىكى ئالتۇنتاغ ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنىڭ 1- نومۇرلۇق يانتۇ قۇدۇقى كورلا تەرەپتىكى ماس ئۇدۇل تونېل بىلەن، 2- نومۇرلۇق يانتۇ قۇدۇقى گولمۇد تەرەپتىكى ماس ئۇدۇل تونېل ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ، تونېل ئىچىدە شامال ئۆتۈشۈش، سۇ چىقىرىۋېتىش ئۈنۈمىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، ئالتۇنتاغ ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش بېسىمىنىڭ ئۈنۈملۈك پەسەيتىلىپ، تونېلنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

گولمۇد – كورلا تۆمۈريولى ئالتۇنتاغ ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى شىنجاڭ بىلەن چىڭخەي چېگراسىدىكى ئالتۇنتاغ باشىكاۋگۇڭ جىلغا ئېغىزىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3586 مېتىر، تونېلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 13 مىڭ 195 مېتىر بولۇپ، I - دەرىجىلىك خەۋپ – خەتىرى يۇقىرى تونېل، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيەسىنى نۇقتىلىق تىزگىنلەيدىغان قۇرۇلۇش.

1- نومۇرلۇق يانتۇ قۇدۇق بىلەن ئۇدۇل تونېلنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدىن 2- نومۇرلۇق يانتۇ قۇدۇق بىلەن ئۇدۇل تونېلنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىق 3900 مېتىر كېلىدۇ، قۇرۇلۇش بۆلىكىنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا دەرىجىلىك سۇ مول رايوندا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش چوڭ ئۈزۈلمە قاتلام، زىچ چات كەتكەن بىر بەلباغدىن ئۆتىدۇ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى چوڭ، تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى، قۇرۇلۇش قىلىش زور خىرىسكە دۇچ كېلىدۇ.

قۇرۇلۇش باشلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈريولى تونېل ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى گولمۇد -كورلا تۆمۈريولى تۈرىنىڭ 2 - تارماق بۆلۈمى ئالدىن پىلانلاپ، مۇۋاپىق تەشكىللەپ، جەرياننى تىزگىنلەش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك سۈپىتىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، بىر قانچە ئۈزۈلمە قاتلام ۋە سۇ مول رايونلاردىن بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، تونېل قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى.

ھازىرغا قەدەر، گولمۇد – كورلا تۆمۈريولى ئالتۇنتاغ ئالاھىدە تونېلىنىڭ قېزىلغان ئۇزۇنلۇقى 11 مىڭ 800 مېتىرغا يېتىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقنىڭ تەخمىنەن %90ىنى ئىگىلىدى. تونېلنىڭ بۇ يىل 10 - ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. (569 خەت، ب)