مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى: تىيانشاننىڭ كىندىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تۆت پەسىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا يۈرگەندە، گۈللەر ئېچىلغان، قار لەپىلدىگەن كۆرۈنۈشنى، چۆل-باياۋان، تاغ-دالالارنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ، قانچىلىغان ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ «ئاخىرقى ئارزۇسى» ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. يېرىم يىل ئېتىۋېتىلگەن مايتاغ-كۇچا تاشيولى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىۋېتىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مايتاغ-كۇچا تاشيولى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىۋېتىلىدىكەن، بۇ يولنىڭ گۈزەل مەنزىرىگىلا ئەمەس، يەنە ئەلا مۇلازىمەتكىمۇ ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، بۇ يىل قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئادەتتىكى قار تازىلاش خىزمىتىدىن باشقا، پۈتۈن لىنىيە بويىچە يەنە ئېسىل ساياھەت تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.
G217-لىنىيەسى مايتاغ-كۇچا بۆلىكىدىكى كاشىلىنى رېمونت قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشىتابىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بايرامدىن بۇرۇن قاتناشنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشى ئۈچۈن، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ پۈتكۈل لىنىيەسىدىكى خادىملار ئۇدا نەچچە كۈن جىددىي تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرغان، ھازىر يەنە تەخمىنەن ئۈچ ئورۇندىكى 20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يول بۆلىكى جىددىي رېمونت قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېلەمەت تونېلى، بايىنبۇلاقتىن كۇچاغىچە بولغان بۆلەكتىكى ئىككى بۆلۈك يول (قوزۇق نومۇرى، K915، K921) بولۇپ، ئاپتوموبىل قاتنىغاندىن كېيىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەككە ئاپتوموبىل يولىدا قوش يۆنىلىشتە ئاپتوموبىل يۈرىدىكەن. ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نەق مەيدانغا بىخەتەرلىك يېتەكچىسى سەپلىنىپتۇ.
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 300 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلىشىپ، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، شىمالدا مايتاغ G217 لىنىيەسىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا كۇچا G217 لىنىيەسىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاپتوموبىل بىلەن پۈتكۈل مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈشكە ئاز دېگەندە 12 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. لىنىيە بويلاپ ماڭسا تىيانشان سىرلىق جىلغىسى، خۇڭسەن تاش ئورمىنى، كۇچا داشياۋلۇڭ كۆلى، بايىنبۇلاق يايلىقى، نارات يايلىقى قاتارلىقلار بار بولۇپ، مەشھۇر ساياھەت تاشيولى ھېسابلىنىدۇ.
تىيانشان تېغى تاغلىق رايونىدا قىشتا قار يېغىش، مۇز تۇتۇش قاتارلىق تەبىئىي ئامىللار تەسىرىدە، مايتاغ-كۇچا تاشيولى ھەر يىلى بىر مەزگىل قىشلىق ئۇيقۇ (يول توسۇۋېتىلىدۇ)غا كىرىدۇ.
يول ياقىسىدا ساياھەت توختاش نۇقتىسى، مۇلازىمەت رايونى، ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولغاچقا، ئەسلىدە بار بولغان شارائىت ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئاپتوموبىل توختىتىشتەك بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. «قاتناش+ساياھەت» يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تولۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2019-يىلى 4-ئايدا، G217 لىنىيەسى مايتاغ-كۇچا بۆلىكىدىكى كاشىلىنى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.
پۈتۈن لىنىيەدە ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدىن 33ى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن تەخمىنەن 1500ى، ئەخلەت ساندۇقىدىن 21ى، ئەخلەت تۇڭىدىن 60ى، مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانىدىن 19ى كۆپەيتىلدى ھەمدە نۇرغۇن ساياھەت بەلگە تاختىسى كۆپەيتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېلەمەت تونېلى، قاشىلېگىن قاردىن مۇداپىئەلىنىش لاپىسى، كارىدورنى مۇستەھكەملەش، رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلدى، بۇنىڭغا 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنمەكتە.
قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن لىنىيە بويىچە 33 ماشىنا توختىتىش مەيدانىنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ، قىسمەن مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىلار ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.
ھاۋا ئۆزگىرىشچان، تاغلىق رايوندىكى يوللاردا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى مەۋجۇت، يېقىنقى مەزگىلدە، ناچار ھاۋارايى كۆرۈلسە، يول يەنە ۋاقىتلىق قامال قىلىنىپ قار تازىلىنىدىكەن، بىخەتەر يول يۈرۈش شارائىتى ھازىرلانغان ھامان ئېچىۋېتىلىدىكەن. يولۇچىلار يول ئەھۋالى، ھاۋارايى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈشى كېرەك ئىكەن.
ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بىر قەدەر ئېگىز بولغان 4 داۋان (قاشىلېگىن، تېلەمەت، ئۈچمولغاي، لاردۇن) غا كەلگەندە، ئۇزاق توختىماسلىق كېرەك، تاغ چوققىسىدا يەنە قار بولغانلىقتىن، تېمپېراتۇرا ئۆرلەۋاتقان بولغاچقا، تاش چۈشۈش، تاغ گۈمۈرۈلۈش ئەھۋاللىرى يۈزبېرىشى مۇمكىن، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.