پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ مەملىكەتلىك يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ مەملىكەتلىك يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئورنى ۋە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە داۋاملىشىشى بولۇپ، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبە، نەتىجە - ئۈنۈمنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئۆزگىچە ئىشلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ناھىيەلىك، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رولىنىڭ «نېمە» ئىكەنلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، «پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بازىلىق، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر ساھەدىكى ۋەكىل زاتلارنى قوراللاندۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپىلىق، زىددىيەتنى تۈگىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم يوللۇق» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ناھىيەلىك، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ «نېمە قىلىشى كېرەكلىكى»نى توغرا ئىگىلەپ، ئاساسلىق خىزمەتنىڭ كېڭىشىش ئىكەنلىكىنى، ئاساسلىق خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ «سەھنە ھازىرلاش» ئىكەنلىكىنى، خىزمەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ناھىيەلىك، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ «قانداق قىلىشى كېرەكلىكى»نى توغرا ئىگىلەپ، كېڭىشىش قېتىم سانىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېڭىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگان كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.
يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى سەپەرۋەرلىك قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش تەلەپنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى ياخشى تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىككىچە ئېچىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ جېنشەن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.