ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئورگىنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئاچتى
ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئورگىنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، بۆلۈم ئورگىنىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىگە قويغان «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى چۈشىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش جەريانىدا مەسىلىلەرنى قايتا ئويلىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مەسىلىلەرنى بايقاش، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش جەريانىدا مەسىلىلەرنى تېپىش، پىكىر - تەكلىپلەرنى كەڭ ئاڭلاپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، تۈزىتىشنى توغرا نىشان بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن تەرتىپكە سېلىپ بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى 1- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلە، تۈزىتىش تىزىملىكىنى تىزىپ چىقىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، بۆلۈم ئورگىنىنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.