导航切换

شىنجاڭ «5–ئىيۇن» مۇھىت كۈنى باش تېما تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات ‏يايدۇردى ‏

日期:2019年06月06日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى (مۇخبىر جېڭ جو) خەۋىرى: 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنى، بۇ يىللىق دۇنيا مۇھىت كۈنىنىڭ باش تېمىسى «كۆك ئاسماننى قوغداش ھەرىكىتىدە، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى». 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە «5 - ئىيۇن» مۇھىت ئاسراش كۈنى يۈرۈشلۈك تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈپ، تەشۋىق قىلىش، رەسىم سىزىش، كۆرگەزمە قىلىش، يېشىل سەپەرگە چىقىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناتتى.

پائالىيەت كۈنى، سانجى شەھىرى ياشىن مەدەنىيەت مەيدانىدا، كىچىك دوستلار گۈزەل رەڭلەر ۋە مول تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرىلەرنى سىزدى، مەيداننى چۆرىدەپ تۇرغان مۇھىت ئاسراش مەدەنىيىتى كارىدورى ۋە مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشۋىقات تاختىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدىيەسىنى كەڭ دائىرىدە تارقىتىش ئۈچۈن، پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى ۋە شەھەردىكى پاسكىنا سۇ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ئورنىدىن 17 ئورۇنغا ئاممىۋىي ئەسلىھەلەر ئېچىۋېتىلگەن ئورۇن دەپ ۋېۋىسكا بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «يېشىل ئىستېمال، مۇھىت ئاسراش سەپىرى» ۋېلىسسىپىت مىنىش پائالىيىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارۋىنى «مۇھىت ئاسراش تۈمەن چاقىرىملىق سەپىرى» پائالىيىتىگە بايراق بېرىلدى. پائالىيەتتە يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ مەشىقىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى.

ئىگىلىنىشىچە، باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر ئايلىق مۇھىت ئاسراش تەشۋىق - تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى باشلايدىكەن.