تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن): يەنە بىر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىدۇ. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدىن مەلۇمات ئېلان قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2019-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئىمتىھان نۇقتىسى شەھەرلىرىدە ھاۋا ئاساسەنئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر مۇۋاپىق، شامال كۈچى چوڭ بولمايدىكەن، ھاۋارايى شارائىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر قەدەر پايدىلىق ئىكەن.
مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى دوۋ شىنيىڭنىڭ دېيىشىچە،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئىمتىھان نۇقتىسى شەھەرلىرىدە سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە ھۆل-يېغىن كۆرۈلىدىكەن، يامغۇر مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئازراق يامغۇر دەرىجىسىدە، تېمپىراتۇرا مۇقىم بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئۆتكۈنچى يامغۇر، غۇلجا شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قاراماي شەھىرى، كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىغان بولۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار يامغۇرلۇق تەييارلاپ قويسا بولىدىكەن.
بورتالا شەھىرى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىمتىھان نۇقتىسى شەھەرلىرىدە℃32تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈكلۈك كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارئىسسىقتىن ساقلىنىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى لازىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، قاراماي شەھىرىدە 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىغان بولۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلىرى شامالدىن دالدىلىنىشقا دىققەت قىلىشى لازىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلدىكى ھاۋارايى مەلۇماتى تۆۋەندىكىچە:
6-ئاينىڭ 7-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم-سىم يامغۇر، ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭدىكىشامال ئېغىزىدا 8 بالدىن 9 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ.
6-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا سىم-سىم يامغۇر، ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر، قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ.
6-ئاينىڭ 9-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم-سىم يامغۇر، ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر، قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 5 بالدىن 6 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا ئۆتكۈنچى شامال 9 بالدىن 10 بالغىچە بولىدۇ.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا، شۇ جايدىكىمېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ھاۋارايى مەلۇماتىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئىمتىھانغا ئۈلگۈرۈش ۋە قايتىش ۋاقتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، يامغۇرلۇق ئېلىۋېلىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتىدۇ.