导航切换

روزا ھېيتتا شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز يۈرىدۇ

日期:2019年06月04日
来源:天山网
【字体:

    مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز يىن يۈتىڭ، شۈ جىجۈەن خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2019-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. شۇ كۈنى سائەت 00:00 دىن 24:00 كىچە، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا 7 كىشىلىكتىن تۆۋەن (7 كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز يۈرىدۇ.

مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەقسىز يۈرۈش مەزگىلىدە، ئادەتتىكى تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن، يېپىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن. ھەقسىز يۈرۈش يوللىرىدا كارتا تارقىتىلماي، توسۇقنى كۆتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش يولغا قويۇلىدىكەن، ETC ئاپتوموبىل يوللىرىنىڭ ھەممىسى نورمال ئېچىلىدىغان بولۇپ، بىر توسۇقتىن بىر ئاپتوموبىل ئۆتۈش يولغا قويۇلىدىكەن. يېپىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، ئىككى ۋاقىت بۆلىكىگە بۆلۈپ قەغەز بېلەت تارقىتىلىدىكەن.

بايرام مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون بويىچە يولۇچى ئېقىمىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭ تاشيول تارماقلىرى ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونلىرىنى بايرامدىن ئىلگىرى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈپ، ھەق ئېلىش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشى، ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى تارمىقى، مېتېئورولوگىيە تارمىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاشيول بويىدىكى LED ئۆزگىرىشچان ئۇچۇر تاختىسى، قاتناش رادىيوسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تاشيول قاتنىشىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىغا سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق تاللاشنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ھەددىدىن زىيادە يىغىلىپ قېلىپ، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا قىستاڭچىلىق كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، دۈەنۋۇ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىشتا، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يول بۆلەكلىرىدە نورمال ھەق ئېلىنىدىكەن.