ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 2019- يىللىق 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 2019- يىللىق 1- قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئەرزىيەت خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، قولدا تۇتۇپ، كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەرزىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەشتۈرۈش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىلمىيلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئاشكارا ئەرزىيەت، مەسئۇلىيەتلىك ئەرزىيەت، قانۇنچىل ئەرزىيەتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىي قۇرۇلۇش، ئەرزىيەت خىزمىتى كەسىپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش چىدامچانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.