导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەسلى مائارىپى خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2019年06月02日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10- يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 15 كىشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاپتونوم رايوننىڭ يەسلى مائارىپى خىزمىتى ئەھۋالىنى مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈردى. مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈشتە بىر سوئالغا بىر جاۋاب بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈش يىغىنىدا، سورالغان سوئالدا مۇھىم نۇقتا، يۈكسەكلىك، سەۋىيە، بېرىلگەن جاۋابتا پوزىتسىيە، ئۇسۇل، ۋەدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى قوغدالدى. بىر سوئالغا بىر جاۋاب بېرىش ئارقىلىق، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەل قىلىش چارىسى كونكرېتلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەسلى مائارىپى خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مائارىپ ئىشلىرىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى پائال تولۇق ئادا قىلىپ، رولنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار نىزاملارنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نىزام خاراكتېرلىك قارار، بېكىتمىلەرنى چىقىرىپ، بىرى چىقىرىلسا بىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش مەخسۇس دوكلاتىنى ئاڭلاش، مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەكىللەرنى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، مەسىلە تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىپ، ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاپ، تۈگۈننى تېپىپ چىقىپ، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، بىرمۇبىر ھەل قىلىش كېرەك؛ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، سۈرۈشتۈرۈش، رەتلەش، بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، ئىز قوغلاش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن بىر پۇختا زەنجىر ھاسىل قىلىپ، مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا زىچ ئەگىشىپ، ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۈرۈشتۈرۈلگەن بولۇش، جاۋابى بولۇش، بېجىرىلگەن بولۇش، نەتىجىسى بولۇش، دوكلات بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈش، بېجىرىش نەتىجىسىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا تۈزىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈشنى تېخىمۇ سالماق، تېخىمۇ نوپۇزلۇق قىلىپ، خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىش، ياخشىلاش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.